باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چيې سۇنسىلنىڭ قىزى قويۇپ بېرىلدى

2017.06.05 14:12         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كورېيەدە ھۆكۈمەت ئىشلىرىغا ئارىلىشىش ۋەقەسىدىكى ئاچقۇلۇق كىشى چيې سۇنسىلنىڭ قىزى، بۇندىن ئىلگىرى دانىيەدىن كورېيەگە قايتۇرۇپ كېلىنگەندىن كېيىن دائىرىلەر تەرىپىدىن قولغا ئىلىنغان. سىئۇل مەركىزى يەرلىك سوت مەھكىمىسى 3-ئىيۇن تەپتىش ئەمەلدارىنىڭ قولغا ئېلىش ئىلتىماسىنى رەت قىلىپ، ئۇنى شۇ كۈنى قويۇپ بەردى.

  سوت مەھكىمىسى مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: تەپتىش تەرەپ تەكشۈرۈشكە كېرەكلىك بارلىق ئىسپاتلارنى توپلىدى، چيې سۇنسىلنىڭ قىزى ئىسپاتنى يوقىتىش تەھدىتنى ھازىرلىمىغان، شۇڭا تەپتىش تەرەپنىڭ ئۇنى قولغا ئىلىشقا يېتەرلىك ئىسپاتى يوق، ئۇ قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن مۇخبىرلارغا ئۆزىنىڭ تەپتىش تەرەپنىڭ تەكشۈرۈشىگە داۋاملىق ماسلىشىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەنلىكىنى ئېيتتى، ئۇ جىنايەت ئۆتكۈزمىگەنلكىنى، ئانىسى چيې سۇنسىلنىڭ ئۆتكۈزگەن جىنايەتلىرىنى بىلمەيدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ بۇ ئىش توغرىسىدا بىر نېمە دىيەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا ئارىلىشىش ئىشىنىڭ جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىغانلىقىدىن تازىم قىلىپ ئەپۇ سورىغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر