- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ مۇھىم تىرىكى(جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن بەش يىل • مۇھىم قۇرۇلۇشلارغا نەزەر)
___ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى مۇھىم قۇرۇلۇشلار توغرىسىدا
2017.06.05 16:18 مەنبە: خەلق تورى
بۇ مىنۇت-سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي تىرىشقان بەش يىل. «ئالەم كۆزى» بىلەن بوشلۇقنى تەكشۈرۈش، «ئەجدىھا» بىلەن دېڭىزنى تەكشۈرۈش، خاسىيەتلىك كېمىنى ئالەم بوشلۇقىدا پەرۋاز قىلدۇرۇش، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولدا چېپىش، يەتىكەن سۈنئىي ھەمراھىنىڭ تور قۇرۇشى، چوڭ ئايروپىلاننىڭ تۇنجى ئۇچۇشى... يۇقىرى تېخنىكىلىق جابدۇق، ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش جەھەتلەردىكى بىر تۈركۈم مۇھىم قۇرۇلۇشلار دۇنيانى ھەيران قالدۇردى. مىقدار جۇغلانمىسىدىن سۈپەتتىكى ھالقىشقىچە؛ نۇقتىدا بۆسۈشتىن سىستېما ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكىچە يېڭىلىق يارىتىش خەرىتىسى كەڭ يېيىلىپ، مۇھىم قۇرۇلۇشلار زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئىشەنچلىك تىرىكىگە ئايلاندى.
بۇ باتۇرلۇق بىلەن يول ئاچقان بەش يىل. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىدا جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاپ، شامالدىن توك چىقىرىپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تورى بەرپا قىلىپ، «قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى ھەرگىز سەپتىن چۈشۈرۈپ قويماسلىق»قا ۋەدە بېرىشتىن «دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ساغلاملىق كاپالىتى تورى» بەرپا قىلىشقىچە مۇھىم قۇرۇلۇشلار جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىشنىڭ مۇھىم تەدبىرىگە ئايلاندى.
پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يىراقنى كۆزلەپ، ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاپ، تەرەققىيات ئىدىيەسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، مۇھىم قۇرۇلۇشلار ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، ئىجتىمائىي تەرەققىيات، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلدى. 1 مىليارد 300 مىليون جۇڭگو خەلقىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئارزۇلىرىنى ئويغىتىپ، «جۇڭگو» كېمىسى ئۇلۇغ گۈللىنىش يولىدا جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر