باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئاقىللار ئامبىرى ئالاقىسى جۇڭگو كورېيە مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ

2017.06.05 14:13         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگونىڭ جىجۇ ئارىلىدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى فىڭ چۇنتەي يېقىندا، جۇڭگو بىلەن كورېيەنىڭ ئىككى تەرەپلىك ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، جۇڭگو ئاقىللار ئامبىرى بىلەن جىجۇ ئارىلى مۇنبىرى ئوتتۇرىسىدا دائىملىق ئالاقىنى ساقلاشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. كورېيە يېڭى ھۆكۈمىتى تەختكە چىققاندىن كېيىن جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش ئارزۇسىنى بىلدۈردى، جۇڭگومۇ كورېيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە ئەھمىيەت بېرىدۇ.

  باش كونسۇل فىڭ چۇنتەي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ جىجۇ ئارىلىدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسى تەسىس قىلىنغىنىغا بەش يىل بولدى. ئەسلىدە مەملىكەت ئىچىدىن كەلگەن زىيارەت ئۆمىكىنى كۈتۈۋېلىش بىر قەدەر كۆپ بولغانلىقى، ساد ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سىستېمىسىنىڭ تەسىرى ھازىر ئازايدى، بىراق ئىككى تەرەپنىڭ ئالاقىسى يەنىلا داۋاملاشماقتا. كورېيە يېڭى ھۆكۈمىتى تەختكە چىققاندىن كېيىن، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ مۇنجەئىن تېلېفونلاشتى، كورېيە بىر بەلباغ بىر يول خەلقئارا ھەمكارلىقى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر مۇنبىرىگە قاتناشتۇرۇش ئۈچۈن ۋەكىل ئەۋەتتى، ئاندىن كېيىن ئالاھىدە ئەلچىنى جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇشقا ئەۋەتتى. بۇ بىر قاتار پائالىيەتلەردىن بىر خىل ئاكتىپ سىگنالنى بايقىغىلى بولىدۇ، بىزمۇ كورېيە بىلەن بولغان مۇناىسۋەتكە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىمىز. بىراق، كورېيە ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىشتىن ئىلگىرى، بىز يەنىلا كورېيەنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالىمىز ۋە ھەرىكىتىنى كۆزىتىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر