باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى

2017.06.05 15:49         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش يۇقىرى پەللە مەزگىلىگە كىردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ نۆۋەتلىك ئىسلاھاتنى باشلاشنىڭ دەسلىپىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئورۇنلاشتۇرۇش بىر ئۈلۈش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توققۇز ئۈلۈش بولۇشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىسلاھات خىزمىتىنى ياخشى باشلاشقا يوليورۇق بەرگەن ئىدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 34-قېتىملىق يىغىنىدا، نازارەت-چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى دەپ كۆرسەتتى. دەسلەپكى مەزگىلدىكى مەخسۇس نازارەت كۈچلىرىنى سەپلەشنى تەكىتلەشتىن مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنىدا ئىسلاھاتقا بولغان نازارەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى مەخسۇس مۇھاكىمە قىلىشقىچە، ئۇنىڭدىن ئۈچ نازارەت، ئۈچ تەكشۈرۈشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇشقىچە، ئۇنىڭدىن نازارەت خىزمىتىنىڭ كەڭلىكى ۋە چوڭقۇرلۇقىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشنى تەلەپ قىلىشقىچە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى نازارەتنى چىڭ تۇتۇش، تېخىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە بولغان تەلىپىنى يەنىمۇ چىڭىتتى.

  مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى 2015-يىلىدىن بۇيان خىزمەتلەرنى كۆپ قېتىم كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇپ، نازارەت، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى، قېلىپلاشتۇردى ۋە يېتەكچىلىك قىلدى، جايلار، تارماقلار نازارەت مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نازارەت خىزمىتىنى تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويدى.

  بۈگۈنكى كۈندە، ئىسلاھاتنى نازارەت قىلىش خىزمىتىگە پىلان تۈزۈشتىن مېخانىزم ئورنىتىش، مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇشتىن ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش، مەركەز تۈرتكە بولۇشتىن ئاخىرقى بىر كىلومېتىرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكىچە دەل جايىدا كۈچ چىقىرىلىپ، تېخىمۇ پۇختا ئىشلىنىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلدى.

  ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، نازارەت خىزمىتى بىلەن ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى زىچ ماسلاشتۇرۇش-يولداش شى جىنپىڭ يادرولىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باشتىن-ئاخىرىغىچە بوشاشماي چىڭ تۇتقان، ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرغان ۋە ئىنچىكىلەشتۈرگەن بىر مۇھىم ھالقىسى بولدى.

  مۇخبىر مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆتكەن 35 قېتىملىق يىغىنىدا ئاشكارا خەۋەر قىلىنغان مەزمۇنلىرىنى كۆرگەندىن كېيىن، «ئەمەلىيلەشتۈرۈش» دېگەن سۆزنىڭ 219 قېتىم، «نازارەت» دېگەن سۆزنىڭ 69 قېتىم تىلغا ئېلىنغانلىقىنى بايقىدى. بۇ سۆزلەرنىڭ شۇنچە كۆپ تىلغا ئېلىنىشى-نازارەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئومۇملۇقىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش سالمىقىنىڭ بارغانسېرى مۇھىم بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 19-قېتىملىق يىغىنىدا قىلغان «نازارەت فۇنكسىيەسىنى كۈچەيتىپ، نازارەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نازارەتنىڭ ئۆتكەلنى چىڭ تۇتۇش، نۇقسانلارنى تۈگىتىش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈشتىكى رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك» دېگەن مۇھىم سۆزلىرىدە، نازارەت خىزمىتىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش توغرا يەكۈنلەندى ھەم نازارەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ئېنىق تەلەپ قويۇلدى.

  مەركەزنىڭ مەخسۇس نازارەت خىزمىتى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلىپ، مۇنداق بىر يۈرۈش توسالغۇلار سۈپۈرۈپ تاشلاندى: دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى باش بولۇپ مەخسۇس ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئېچىپ، ئېلېكتىر تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدىكى كۆپ تەرەپلەرنىڭ مەنپەئەتىنى ماسلاشتۇرۇش تەس بولۇش مەسىلىسىنى بىراقلا ھەل قىلدى؛ شەھەر-يېزا مەھەللىلىرىنىڭ كېڭىشىش تۈزۈمى ئىسلاھاتى يۈرۈشلۈك لايىھەسىنى تېخىچە چىقارمىغان بىر قىسىم جايلار بىر ئاي ئىچىدە تولۇق چىقىرىپ بولدى؛ دەريا باشلىقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى تېخىچە باشلىمىغان بىر قىسىم ئۆلكىلەر يۈرۈشلۈك لايىھەنى مۇددەتتىن بۇرۇن چىقاردى، بەزىلىرى يەنە دەريا باشلىقى ئىشخانىسىنىمۇ كۆپەيتىپ تەسىس قىلدى.

  سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، بىر مەزگىللىك بىر تۇتاش قېلىپلاشتۇرۇش ۋە نازارەت، ھەيدەكچىلىك قىلىش ئارقىلىق، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر قايسى ئورۇنلارنىڭ ئەسلىدىكى 3169 تۈرلۈك سىناق خىزمىتىنىڭ 1596 سى ئېنىقلانغان ۋە قېلىپلاشتۇرۇلغان، پەقەت يېرىمىلا ساقلاپ قېلىنغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىسلاھات سىنىقىنى ئىز قوغلاپ باھالاش كۈچەيتىلىپ، ئۈنۈمى ئىسپاتلانغان تەجرىبە ۋە ئۇسۇللار ۋاقتىدا يەكۈنلىنىپ، تاۋلىنىپ، كېڭەيتىلىپ ھەم قوللىنىلىپ، سىناقنى باشقۇرۇشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمى تەدرىجىي ئورنىتىلغان.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىسلاھات نەتىجىلىرىدىن خەلق تۇرمۇشىغا تېخىمۇ كۆپ نەپ يەتكۈزۈلدى، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى يەنىمۇ ئۆستى. نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ چىقىرىشتىن شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى بىرىكتۈرۈشكىچە، پۇقراۋى مەكتەپلەرنى تۈرگە بۆلۈپ تىزىملاش، تۈرگە بۆلۈپ باشقۇرۇشتىن كارخانىلارنىڭ قويۇۋېتىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت ئىسلاھاتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشنى يولغا قويۇشقىچە، كۈتۈنۈش مۇلازىمەت بازىرىنى تولۇق ئېچىۋېتىشتىن مەدەنىيەتتە ئەلگە نەپ يەتكۈزۈشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈشكىچە، ئىسلاھاتنى نازارەت قىلىش خىزمىتىنىڭ سىجىل تۈرتكىسى ئارقىسىدا، بارغانسېرى كۆپ ئىسلاھات ئۈنۈملىرى خەلق ئاممىسىنى ھەقىقىي نەپكە ئېرىشتۈردى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 34-قېتىملىق يىغىنىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جايلار، تارماقلار ئىسلاھاتنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، تېخىمۇ كۆپ زېھنىي كۈچىنى نازارەتنى چىڭ تۇتۇش، ئۈنۈمىنى سۈرۈشتۈرۈشكە قارىتىپ، نازارەت خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، نازارەت خىزمىتىنىڭ كەڭلىكى ۋە چوڭقۇرلۇقىنى كېڭەيتىپ، نۇقتا بىلەن دائىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، ھەر تەرەپتىن چىڭ تۇتۇپ، مەسىلە بايقاش، مەسىلە ھەل قىلىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى لازىم.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ بۈگۈنكى كۈنگىچە بولغان مەزگىلدە، ئىرادە تونۇشتىنمۇ، ئۈستىگە ئېلىش ئۇسۇلدىنمۇ مۇھىم دەپ تەكىتلىدى. جايلار، تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھاتنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىخلاش روھى بىلەن ئىسلاھاتقا بولغان نازارەتنى چىڭ تۇتۇپ، خەلق ئاممىسىنى ئىسلاھات جەريانىدا تېرىشىپ تولۇق ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسىگە ئىگە قىلىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر