باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئەنگلىيەدە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەنىڭ ئۈستۈنلۈك ئورنى تۆۋەنلىدى

2017.06.05 14:11         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەنگلىيە چوڭ سايلىمىغا ئاۋاز بېرىشكە يەنە تۆت كۈن ۋاقىت قالدى، ھاكىمىيەت يۈرگۈزىۋاتقان كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ ئەل ئىچىدىكى ئابرويى ئاستا ئاستا تۆۋەنلىدى. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئەگەر باش ۋەزىر تېرىسسا ماي داۋاملىق رەقىبىنى سەل چاغلاپ خاتالىق ئۆتكۈزسە، پارلامېنتتىكى ئۈستۈنلۈكىنى كېڭەيتىشى قىيىنغا توختايدۇ.

  خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: بۇ قېتىمقى چوڭ سايلامدا، ھەر قايسى پارتىيەلەر يېڭى سىياسەت تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا قويالمىغانلىقى، پاراۋانلىق ئازايتىش، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىقىش ۋە شوتلاندىيەنىڭ مۇستەقىل بولۇشى قاتارلىق مۇنازىرىلەردىمۇ يېڭى قاراشلىرى كەمچىل بولدى.

  تەھلىلدە مۇنداق دېيىلدى: ئەنگلىيەدە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان چوڭ تىپتىكى سايلام ۋە ئومۇمىخەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇش ئۈزۈلمىدى، پۇقرالارغا سايلام ھاردۇقى يەتتى. بىراق يەنىلا بۇ يىللىق چوڭ سايلامغا ئەڭ ئاخىرقى قېتىم بىلەت تاشلايدۇ.

  ئۇندىن باشقا، ئەنگلىيەلىك كۆپلىگەن پۇقرالار زىيارەتنى قوبۇل قىلمايدۇ، سىياسىي مەسىلىلەر ئۈستىدە توختىلىشنى خالىمايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر