باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا كېلەر يىلى قۇياش تەكشۈرگۈچ قويۇپ بېرىشنى پىلانلىدى

2017.06.05 15:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى ((NASAمۇنۇلارنى جاكارلىدى: كېلەر يىلى يازدا قۇياشقا تەكشۈرگۈچ ئەسۋاب قويۇپ بېرىدۇ. ئۇ تەكشۈرگۈچ قۇياش ئاتموسفېراسىنىڭ ئەڭ سىرتقى قەۋىتى (قۇياش تاجىسى)گە بىۋاسىتە ئۇچۇپ بارىدۇ. ئۇ شۇ ۋاقىتتا، ئۇنىڭ قۇياش يۈزى بىلەن بولغان ئارىلىقى ئاران ئالتە مىليون 500مىڭ كىلومېتىر كېلىدىغان ئوربىتىغا يېتىپ بارالايدۇ. بۇنىڭ بىلەن، ئىنسانىيەت تەكشۈرگۈچىسى تۇنجى قېتىم قۇياشقا يېقىن سەپىرىنى باشلىغان بولىدۇ.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، مەزكۇر تەكشۈرگۈچ ئەسۋابقا «پاك قۇياش تەكشۈرۈش ئەسۋابى» دەپ نام بېرىلگەن، ھەمدە ئۇنىڭغا بىر مىليارد 500 مىليون دوللار سەرپ قىلىنغان، ئۇنىڭ ئېغىرلىقى 685 كىلوگىرام كېلىدىكەن، چوڭ-كىچىكلىكى بىر كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىلغا يېقىن كېلىدىكەن. ئۇ، ئۇنىڭ قۇياشنىڭ سىرتقى يۈزى بىلەن بولغان ئارىلىقى ئالتە مىليون 500 مىڭ كىلومېتىر كېلىدىغان ئوربىتىدا قۇياش تاجىسىنىڭ ھەرىكىتىنى كۆزىتىپ، قۇياش شامىلىنى ئىگىلەيدىكەن. قۇياشنىڭ سىرتقى يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى 5500 سېلسىيە گىرادۇس كېلىدىكەن، ئۇ تەكشۈرگۈچ ئەسۋاب تۇرۇشلۇق ئوربىتىنىڭ تېمپېراتۇرىسىمۇ 1000 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى بولۇشى كېرەك ئىكەن. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئالىملار ئۇ تەكشۈرگۈچكە قېلىنلىقى 12 سانتىمېتىر كېلىدىغان كاربون بىرىكمە تون كەيدۈرگەندىن كېيىن، 1400 سېلسىيە گىرادۇسلىق يۇقىرى تېمپېراتۇرا ۋە رادىياتسىيەگە بەرداشلىق بېرەلەيدىكەن، ھەمدە قۇياشقا ئەڭ يېقىن جايدا سائىتىگە 720 كىلومېتىر سۈرئەت بىلەن ئۇچالايدىكەن. بۇ، تارىختىن بۇيانقى ئۇچۇش سۈرئىتى ئەڭ تېز بولغان بوشلۇق ئۇچقۇسى بولىدىكەن. ئۇندىن باشقا، مەزكۇر تەكشۈرگۈچ ئەسۋاب ئېلىپ يۈرۈيدىغان تۆت خىل ئىلىم-پەن ئەسۋابى يەر يۈزىدىكى ئۆي تېمپېراتۇرىسى مۇھىتىنى ساقلاپ قالالايدىكەن. ئۇنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى قۇياش شامىلىنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى، ھەمدە قۇياش شامىلى قانداق قىلىپ قۇياش تاجىسىدا ئۆز سۈرئىتىنى تېزلىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىنى تەكشۈرىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر