باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، ج خ مىنىستىرلىقى بىرلىكتە چارە تۈزۈپ چىقتى

خەنزۇچە ۋە "جۇڭگونىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى" دېگەن بۇ ئىككى دەرس چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ جەزمەن ئۆگىنىدىغان دەرسى قىلىنىشى لازىم

2017.06.06 16:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەكتەپكە قوبۇل قىلىش، تەربىيەلەش ۋە چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەرىكىتىنى باشقۇرۇش قاتارلىقلارنى قېلىپلاشتۇرۇپ، چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ جۇڭگو چېگراسى ئىچىدىكى مەكتەپتە ئوقۇشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىپ، مائارىپ ئىشلىرىدىكى تاشقى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو مائارىپىنىڭ خەلقئارالىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، يېقىندا، مائارىپ مىنىستىرلىقى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، ج خ مىنىستىرلىقى بىرلىشىپ بىرلىكتە تۈزىگەن «مەكتەپلەرنىڭ چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش ۋە تەربىيەلەش توغرىسىدىكى باشقۇرۇش چارىسى» (قىسقارتىلىپ «چارە» دېيىلىدۇ)، 2017- يىلى 7- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  مەزكۇر «چارە»نىڭ ئىزاھلىشىغا ئاساسلانغاندا، خەلقئارا ئوقۇغۇچى دېگىنىمىز، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت تەۋەلىكى قانۇنى» بويىچە ئېيتقاندا، جۇڭگو تەۋەلىكىدە بولمىغان، ھەم جۇڭگو ئىچىدىكى مەكتەپلەردە تەربىيەلىنىۋاتقان چەتئەللىك ئوقۇغۇچىنى كۆرسىتىدۇ. مەزكۇر «چارە»دە مۇنۇلار بەلگىلەنگەن: چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار جۇڭگونىڭ قانۇن-نىزاملىرىغا رىئايە قىلىشى، جۇڭگونىڭ ئۆرپ-ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىشى، مەكتەپنىڭ قائىدە تۈزۈملىرىگە رىئايە قىلىشى، مەكتەپ ئۆگىنىش ۋەزىپىسىنى تاماملىشى كېرەك. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدە ئورتاق قوللىنىلىدىغان تىل-يېزىق بولسا، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەشتە قوللىنىدىغان ئاساسلىق مائارىپ تىلى ھېسابلىنىدۇ. خەنزۇچە ۋە "جۇڭگونىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى" دېگەن بۇ ئىككى دەرس ئوقۇغۇچىلارنى ئالىي مائارىپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە قىلىدىغان ۋە جەزمەن ئۆگىنىدىغان زۆرۈر دەرسلەردۇر. سىياسىي نەزەرىيە دەرسىمۇ پەلسەپە ۋە سىياسەتشۇناسلىق كەسپىدە ئوقۇيدىغان چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ جەزمەن ئۆگىنىدىغان زۆرۈر دەرسلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلۈشى كېرەك. شارائىتى ھازىرلانغان ئالىي مەكتەپلەر چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن چەتئەل تىلى بىلەن ئوقۇتۇش ئېلىپ بارىدىغان مەخسۇس دەرس تەسىس قىلىشقا بولىدۇ. چەتئەل تىلى بىلەن ئالىي ئوقۇش تارىخى مائارىپىنى قوبۇل قىلغان چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار، ئىلمىي ئۇنۋان ماقالىسىنى ئۆزلىرىگە مۇناسىپ بولغان چەتئەل تىل-يېزىقىنى ئىشلىتىپ يازسا بولىدۇ، ئەمما، ماقالىلەرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى قىسمى خەنزۇچە بولۇشى كېرەك؛ ئىلمىي ئۇنۋان دىسسېرتاتسىيەسىنى ياقلاشتا چەتئەل تىلى ئىشلىتىش ياكى ئىشلەتمەسلىك ئىشىنى مەكتەپ بېكىتسە بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر