خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭدا تۇرۇپ ھەر ساھە، ھەر كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئۇيغۇرلار 6- ئاينىڭ 3- كۈنى، جۇڭخۇا مىللەتلەر باغچىسىغا بالىلىرىنى ئېلىپ كېلىپ جەم بولۇپ، «پارتىيە–ھۆكۈمەت بىلەن قەلبداش بولۇش، بېيجىڭدىكى قېرىنداشلارغا مۇلازىمەت قىلىش، يۇرتتىكى ئەل–ئاۋامغا باشلامچى بولۇش، تارىخى بۇرچنى ئۈستىگە ئېلىش» تېمىسىدىكى 2017- يىللىق بالىلار بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى.
بۇ، بېيجىڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ 4- قېتىم بىر يەرگە جەم بولۇپ بالىلار بايرىمىنى تەبرىكلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ قېتىملىق پائالىيەتكە بېيجىڭ شەھەرلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مىللەتلەر دوستلۇق جەمئىيىتى يېتەكچىلىك قىلدى، پائالىيەتنى بېيجىڭ جۇڭخۇا مىللەتلەر باغچىسى ئۆتكۈزدى، بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر ياشلاردىن تەشكىللەنگەن پىدائىيلار ئەتىرىتى بۇ پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالدى، ياش كارخانىچىلار ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللىدى. پائالىيەتكە بېيجىڭدىكى ھەرقايسى ئىدارە–ئورگانلار، كارخانىلاردا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر ئاتا–ئانىلار ۋە ئۇلارنىڭ بالىلىرىدىن بولۇپ 180دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى.
پائالىيەت جەريانىدا بالىلار خور ئېيتىش، ناخشا ئېيتىش، ئۇسسۇل ئويناش قاتارلىق نادىر نومۇرلارنى كۆرسەتتى. پائالىيەت داۋامىدا يەنە بالىلار ئەزىز مېھمانلارنىڭ بوينىغا قىزىل گالىستۇك چىگىپ قويۇش ئارقىلىق، ئۇلارغا ۋە ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزگە بولغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى بىلدۈردى.
پۈتكۈل پائالىيەت مەشىق بۆلىكى، ئەدەبىيات-سەنئەت بۆلىكى، ئەنئەنىۋى ئويۇن بۆلىكى، دالا كېزىش بۆلىكى، زامانىۋى ئويۇن بۆلىكى قاتارلىق بۆلەكلەر بويىچە ئېلىپ بېرىلدى. بۇ جەرياندا بالىلار ھەرخىل ئويۇنلارنى ئويناپ، بالىلار بايرىمىنىڭ شادلىقىدىن ھۇزۇرلاندى.
مەزكۇر پائالىيەت بالىلاردا ھەمكارلىق، كوللېكتىپچانلىق ۋە ئۆزگىرىشلەرگە تاقابىل تۇرۇش دېگەندەك تۈرلۈك روھىي كەيپىياتنى يېتىلدۈرۈش، ھەمدە مىللىي مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۇلارنى بايرام كەيپىياتىغا چۆمۈلدۈرۈش مەقسىتىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ھەم شۇنداقلا، شۇ ئارقىلىق بالىلارغا چەكسىز خۇشاللىق بېغىشلاپ، ئۇلارنىڭ قەلبىدە ئۇنتۇلماس ئەسلىمىلەرنى قالدۇرۇش مەقسەت قىلىنغان. بۇ قېتىملىق پائالىيەت شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت تۆتتە كۆپچىلىك ئوپچە خاتىرە سۈرەتكە چۈشكەندىن كېيىن، شاد-خۇراملىق ئىچىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى