باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2017-يىللىق مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى 6-ئاينىڭ 7-كۈنى ئېلىنىدۇ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار 6-ئىيۇن بېرىپ ئىمتىھان نۇقتىسىنى كۆرسە بولىدۇ

ئىمتىھان مەيدانىغا ھېسابلىغۇچ ئېلىپ كىرىش قەتئىي مەنئى قىلىنىدۇ

2017.06.06 16:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-ئىيۇن، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك 2017-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ئىمتىھاندىن بۇرۇنقى خىزمەت يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 2017-يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىدىن 24 مىڭ 173 ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغان بولۇپ، بۇ بۇلتۇرقىغا قارىغاندا 1307 ئوقۇغۇچى ئاز ئىكەن. جەمئىي 36 ئىمتىھان نۇقتىسى، 994 ئىمتىھان مەيدانى تەسىس قىلىنىپتۇ.

  2017-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى 6-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 9-كۈنىگىچە ئېلىنىدۇ. 6-ئاينىڭ 6-كۈنى سائەت 16دىن سائەت 19دىن 30 مىنۇت ئۆتكىچە (بېيجىڭ ۋاقتى)، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھان نۇقتىسىغا بېرىپ كۆرسە بولىدۇ.

  يىغىندا، ئىمتىھان ئىشلىرى خىزمىتىدىكى مۇھىم مەسىلىلەرگە ئېنىق تەلەپ قويۇلدى، ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھان مەيدانىغا پەقەت 2B قېرىنداش، قارا رەڭلىك سىياھ قەلەم ياكى ئىمزا قەلىمى، تۈز سىزغۇچ، سىركۇل، ئۈچ بۇلۇڭلۇق سىزغۇچ قاتارلىق زۆرۈر ئىمتىھان قوراللىرىنى ئېلىپ كىرىشكە بولىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھېسابلىغۇچ، يانفون قاتارلىق چەكلەنگەن بۇيۇملارنى ئىمتىھان مەيدانىغا ئېلىپ كىرىشىگە بولمايدۇ.

  ئۇندىن باشقا، ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھان نۇقتىسىغا كىرىش ئالدىدا بارماق ئىزى ۋە كىملىكى ئارقىلىق سالاھىيىتىنى دەلىللەيدۇ، ئىمتىھانغا 15 مىنۇت كېچىكىپ قالسا، ئوقۇغۇچىنىڭ شۇ تۈردىكى ئىمتىھان بېرىش سالاھىيىتى ئېلىپ تاشلىنىدۇ.

  ئاتا-ئانىلار كىملىكى ۋە ئوقۇغۇچىنىڭ ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسىنىڭ كۆپەيتىلمە نۇسخىسى ئارقىلىق ئىمتىھان نۇقتىسىغا كىرسە بولىدۇ، ئىمتىھان مەيدانىغا كىرىشكە بولمايدۇ. قوش تىل سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىنگلىز تىلى ئىمتىھانى 9-ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دىن 11 غىچە (بېيجىڭ ۋاقتى) ئېلىنىدۇ، بارلىق قوش تىل سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى قاتنىشىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر