باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ قازاقىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ ھەم شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 17- قېتىملىق يىغىنىغا ۋە ئاستانا مەخسۇس دۇنيا كۆرگەزمىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ

2017.06.06 15:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 6- ئاينىڭ 5- كۈنى جۇڭگو ۋە چەت ئەل تاراتقۇلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئۆتكۈزدى. دىپلوماتىيە مىنىستىرىنىڭ ياردەمچىسى لى خۇيلەي رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قازاقىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدىغانلىقىنى ھەم شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 17- قېتىملىق يىغىنى ۋە ئاستانا مەخسۇس دۇنيا كۆرگەزمىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

  لى خۇيلەي مۇنداق دېدى: بۇ جۇڭگونىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تۇنجى قېتىم زىيارەتكە چىقىشى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ بۇ يىلقى قازاقىستان ۋە ياۋروپا- ئاسىيا رايونىدىكى بىر قېتىملىق مۇھىم دىپلوماتىيە ھەرىكىتى بولۇپ، جۇڭگونىڭ قازاقىستان قاتارلىق ياۋروپا- ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر قايسى ساھەدىكىلەرنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ھەمكارلىشىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ سىجىل، ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  لى خۇيلەي مۇنداق دېدى: قازاقىستان جۇڭگونىڭ دوستانە قوشنىسى ۋە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكى، جۇڭگونىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش، خەلقئارا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشىدىكى مۇھىم ھەمكارلاشقۇچى شېرىكى. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغان 25 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو- قازاقىستان مۇناسىۋىتى مۇقىم، ساغلام راۋاجلىنىپ، ئىناق قوشنىدارچىلىق ۋە دوستانە مەنپەئەت يەتكۈزۈش جەھەتتىكى ھەمكارلىقنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى. بۇ قېتىمقىسى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئۈچىنچى قېتىم قازاقىستاندا زىيارەتتە بولۇشى.

  لى خۇيلەي مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ قازاقىستاندا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە يەنە تەكلىپكە بىنائەن ئاستانا دۇنيا مەخسۇس كۆرگەزمىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ. بۇ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزگەن دۇنيا كۆرگەزمىسى بولۇپ، «كەلگۈسىدىكى ئېنېرگىيە» بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىنىڭ باش تېمىسى قىلىنغان. جۇڭگو ھۆكۈمىتى 1000 كىۋادرات مېتىر كۆلەمدىكى ئەڭ چوڭ كۆرگەزمە ئورنى سېتىۋېلىپ، كۆرگەزمىگە قاتنىشىدۇ.

  لى خۇيلەي مۇنداق دېدى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، رايون بىخەتەرلىكىنى قوغداش، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى باشتىن- ئاخىر ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسى قىلىپ كەلدى. 16 يىللىق تەرەققىيات مۇساپىسىدە، ئەزا دۆلەتلەر «شاڭخەي روھى»غا قەتئىي ئەمەل قىلىپ، سىياسىي، خەۋپسىزلىك، ئىقتىساد، ئادىمىيەت ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، رايون ۋە خەلقئارا ئىشلاردا ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەمكارلىشىش، ئورتاق نەپ ئېلىشتەك يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەتتە ئۈلگە تىكلىدى. بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە رەئىس شى جىنپىڭ ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن بىللە مەخسۇس ئەدەبىيات- سەنئەت كېچىلىكى، بىرەسمىي كەچلىك زىياپەت، چوڭ- كىچىك دائىرىدىكى سۆھبەتلەر، ئىمزا قويۇش مۇراسىمى، كۈتۈۋېلىش زىياپىتى قاتارلىق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىدۇ ھەم يىغىنغا قاتناشقان ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئىككى تەرەپ سۆھبىتى ئۆتكۈزىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر