باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بەھرەيىن، سەئۇدى ئەرەبىستانى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە مىسىر قاتار بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزگەنلىكىنى جاكارلىدى

2017.06.06 15:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بەھرەيىن، سەئۇدى ئەرەبىستانى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە مىسىر 5-ئىيۇن قاتار بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزگەنلىكىنى جاكارلاپ، قاتارنى تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە مەدەت بەردى ھەمدە رايون بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلدى، دەپ ئەيىبلىدى.

  بەھرەيىن ھۆكۈمىتى بايانات ئېلان قىلىپ، قاتار ئىران ياردەم بەرگەن تېررورچىلارنىڭ بەھرەيىندە قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىشىنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن، بەھرەيىننىڭ قاتار بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزگەنلىكىنى جاكارلاپ، بەھرەيىننىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە خادىملىرىنى قايتۇرۇپ كەتتى ھەمدە قاتارنىڭ بەھرەيىندە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە خادىملىرىنىڭ 48 سائەت ئىچىدە چېگرادىن چىقىپ كېتىشنى تەلەپ قىلدى، بەھرەيىن پۇقرالىرىنىڭ قاتارغا بېرىشىنى مەنئى قىلدى ھەمدە قاتار پۇقرالىرىنىڭمۇ بەھرەيىنگە كىرىشىنى مەنئى قىلدى، بەھرەيىن بىلەن قاتارنىڭ دېڭىز، ھاۋا ئارمىيە ئالاقىسى تاقالدى.

  سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: قاتار ھۆكۈمىتى ئۆتكەن بىر قانچە يىلدا ئىران كۈشكۈرتكەن تېررورچىلار تەشكىلاتىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە بەھرەيىندە بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشىنى ئىزچىل ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن قوللىدى، تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ ئېلان قىلىنغان مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئىتتىپاقى، «بازا» تەشكىلاتى ۋە رادىكال تەشكىلات «شام ئىسلام دۆلىتى» قاتارلىقلارغا ماددىي ياردەم بەردى ۋە قوللىدى، ئۆزلىرىنىڭ تەشۋىقات قوراللىرىدىن پايدىلىنىپ باشقا دۆلەتلەرنى مەزھەپ توقۇنۇشىغا قۇتراتتى، بولۇپمۇ سەئۇدى ئەرەبىستانى يەمەن قۇسەي قوراللىقلىرىغا ھەربىي زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى يولغا قويغاندىن كېيىنمۇ يەنە ئۇلارنى خۇپىيانە قوللىدى. بۇ سەۋەبلىك، سەئۇدى ئەرەبىستانى قاتار بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزىدىغانلىقىنى جاكارلاپ، قاتارنىڭ قۇرۇقلۇق، دېڭىز، ھاۋا ئارمىيەلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزىدۇ، ھەج قىلىدىغانلاردىن باشقا قاتار پۇقرالىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىغا كىرىشىنى مەنئى قىلىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستانى پۇقرالىرىنىڭ قاتارغا بېرىشى، قاتاردىن ئۆتۈشى ھەمدە قاتاردا ئولتۇراقلىشىشى چەكلىنىدۇ.

  قاتار شۇ كۈنى كېچىكىپ ئىنكاس قايتۇرۇپ، سەئۇدى ئەرەبىستانى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە بەھرەيىننىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزگەنلىكىنى جاكارلىغانلىقىغا ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى ۋە ھەيران قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر