باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپادىكى 13 دۆلەت بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول» ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالىدى

2017.06.06 16:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-ئىيۇن، سودا مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، يېقىنقى يىللادىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلگەن. نۆۋەتتە، جۇڭگو ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپادىكى 16 دۆلەت ئىچىدىكى 13 دۆلەت بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئىلگىرى سۈرۈش ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالىغان، ئىككى تەرەپ سودىسى ۋە مەبلەغ سېلىنمىسى ئۈزلۈكسىز كېڭەيگەن.

  شۇ كۈنى سودا مىنىستىرلىقىدا ئېچىلغان «3- نۆۋەتلىك جۇڭگو ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى مەبلەغ سېلىش سودا يەرمەنكىسى»نىڭ مەخسۇس تېمىلىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، سودا مىنىستىرلىقى ياۋروپا مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جۇ شياۋيەن مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋرۇپا دۆلەتلىرىنىڭ سودىسى پۇختا قەدەم بىلەن راۋاجلانماقتا، نۆۋەتتە، ئىككى تەرەپنىڭ ئىمپورت- ئېكسپورت سودىسى 2010-يىلىدىكى 43 مىليارد 900 مىليون دوللاردىن 2016-يىلى 58 مىليارد 700 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا كۆپەيدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىككى تەرەپنىڭ سودا سوممىسىنىڭ جۇڭگو- ياۋروپا سودىسىدىكى ئۈلۈشى داۋاملىق ئۆرلىمەكتە، 2016-يىلى جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت سودىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىنىڭ %9.8ىنى ئىگىلىدى.

  ئۇنىڭدىن باشقا، ئىككى تەرەپنىڭ ئۆز ئارا مەبلەغ سېلىش سالمىقى داۋاملىق كېڭەيدى. تولۇق بولمىغان ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى مەبلەغ سېلىنمىسى 8 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتكەن، تۈرلەر ماشىنىسازلىق، خىمىيە سانائىتى، تېلېگراف، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، يېڭى ئېنېرگىيە، ئەشيا ئوبوروتى، سودا، تەتقىق قىلىپ ئېچىش، پۇل مۇئامىلە، يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلغان. ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپادىكى 16 دۆلەتنىڭ جۇڭگودىكى سالغان مەبلىغى 1 مىليارد 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشقان بولۇپ، تۈرلەر ماشىنىسازلىق ياسىمىچىلىقى، ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق كۆپ ساھەگە چېتىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىككى تەرەپنىڭ ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىمۇ مول نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر