باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيەنىڭ ھەيدەكچىلىك قىلىش-تەكشۈرۈش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى

2017.06.06 15:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى يېقىندا «يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيەنىڭ ھەيدەكچىلىك قىلىش-تەكشۈرۈش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»(تۆۋەندە «پىكىر» دېيىلدى)نى بېسىپ تارقاتتى. «پىكىر»دە پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەيدەكچىلىك قىلىش-تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش توغرىسىدا چىقارغان بىر قاتار مۇھىم يوليورۇق ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېتەكچى ئىدىيە، ئاساسىي ۋەزىپە، خىزمەت پىرىنسىپى، خىزمەت تۈزۈمى، ئۈنۈم قۇرۇلۇشى، تەشكىلىي رەھبەرلىك قاتارلىق جەھەتلەردىن يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيەنىڭ ھەيدەكچىلىك قىلىش-تەكشۈرۈش خىزمىتىنى كۈچەيتىشكە ئېنىق تەلەپ ۋە مۇھىم تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  «پىكىر»دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھەيدەكچىلىك قىلىش-تەكشۈرۈش خىزمىتى پارتىيە خىزمىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن پارتىيەنىڭ تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم ۋاسىتە، پارتىيەنىڭ تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر، پارتىيە ئىستىلىنى ياخشىلاپ، پارتىيە بىلەن خەلقنىڭ قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم يول. ھازىر، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچقا كىرىشىگە ئەگىشىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەل قىلغۇچ مەزگىل ۋە قىيىن باسقۇچقا قەدەم قويۇپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئىدارە قىلىش ۋە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش ۋەزىپىسى تېخىمۇ ئېغىر، تەلەپ تېخىمۇ يۇقىرى بولماقتا. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى «ھەر قانداق ئىش ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە باغلىق» دېگەن ئاڭنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش نىشانىغا يېتىش، ئاممىنىڭ كۈچلۈك ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنىنى مۇستەھكەملەش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ھەيدەكچىلىك قىلىش-تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى تولۇق تونۇپ، ھەيدەكچىلىك قىلىش-تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم-كۈتسىز ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر