- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شىنجاڭنىڭ شىمالىدىكى قازاق چارۋىچىلار قوي ۋاننىلاشقا باشلىدى
2017.06.07 17:00 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كۈننىڭ بارغانسىرى ئىسسىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتىدىكى قازاق چارۋىچىلار ئۆزلىرىنىڭ قوي توپلىرىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ۋاننىلاشقا باشلىدى، بۇ خىل «دورا سۈيىدە يۇيۇندۇرۇش» قوينىڭ بەدىنىدىكى پارازىت قۇرۇتلارنى يوقىتىش ۋە كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىنى ئوينايدۇ.
5-ئىيۇن، شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن 2000 مېتىر ئېگىزلىككە جايلاشقان ئۇست تېغىدىكى «دورىلىق مۇنچا بازىسى»دا، 280 كىلومېتىر يىراقتىن ئېلىپ كېلىنگەن 10 مىڭ تۇياقتىن ئارتۇق قوي «دورىلىق مۇنچىغا چۈشۈش»نى تاماملىدى. «دورىلىق مۇنچىدا يۇيۇندۇرۇش» دېگىنىمىز، چارۋىچىلار ئېيتىدىغان «قوي ۋاننىلاش» بولۇپ، ھەر يىلى يازدا ۋە كۈزدە چارۋىچىلار قوي ۋاننىلاش كۆلچىكىنى لىقمۇلىق دورا سۈيى بىلەن تولدۇرۇپ، قوي توپىنى كۆلچەكنىڭ ئىچىگە ھەيدەپ چۈشۈرۈپ، قويلارنى دورىلىق سۇغا تولۇق چىلاشنى كۆرسىتىدۇ، بۇ ئارقىلىق قوينىڭ تېنىدە پارازىت بولۇپ ياشاۋاتقان ھەرخىل پارازىت قۇرۇتلارنى ئۆلتۈرگىلى بولىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر