خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-ئاينىڭ 6- كۈنى، قازاقىستاننىڭ ئاستانادا، خىزمەتچى خادىملار ئاستانا دۇنيا يەرمەنكە باغچىسىدىكى قۇرۇلۇشلارنىڭ سىرتقى يۈزىنى تازىلىماقتا. ئاستانا مەخسۇس دۇنيا يەرمەنكىسى 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە قازاقىستان پايتەختى ئاستانىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. دۇنيا يەرمەنكىسى ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ: بىر خىلى تىزىملىتىش تۈرىدىكى (ئۇنىۋېرسال تۈردىكى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) دۇنيا يەرمەنكىسى بولۇپ، ھەر بەش يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدۇ، مۇددىتى يېرىم يىل؛ يەنە بىر خىلى ئېتىراپ قىلىش تۈرىدىكى (كەسپىي تۈردىكى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) دۇنيا يەرمەنكىسى بولۇپ، ئىككى قېتىملىق تىزىملىتىش تۈرىدىكى دۇنيا يەرمەنكىسىنىڭ ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ، مۇددىتى ئۈچ ئاي بولىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى