خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يەكەن ناھىيەسىنىڭ يەكەن ناھىيەسىدە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» 3-نۆۋەتلىك ياشلار-ئۆسمۈرلەر توپ مۇسابىقىسى ئۈچ ئاي داۋاملىشىپ، 6- ئاينىڭ 2- كۈنى ئاخىرلاشتى.
بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە يەكەن ناھىيەسىدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ، كەسپىي مەكتەپ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەردىن تەشكىللەنگەن 170 كوماندىدىكى 1991 قىز- ئوغۇل ماھىرلار پۇتبول ۋە ۋاسكېتبول قاتارلىق تۈرلەر بويىچە مۇسابىقىلەشتى. مۇسابىقە جەريانىدا مۇسابىقىگە قاتناشقان بارلىق تەنھەرىكەتچىلەر ئىتتىپاقلىق بىرىنچى، مۇسابىقە ئىككىنچى دېگەن تەنھەرىكەت ئەخلاقىغا ئاساسەن ئىناقلىق ئاساسىدا كەسكىن رىقابەتلەشتى.
6- ئاينىڭ 2-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن مۇكاپاتلاش يىغىنىدا، بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە ئۇتۇپ چىققان 24 كوماندا ۋە 60 نەپەر تەنھەرىكەتچى ئۈچ دەرىجە بويىچە مۇكاپاتلاندى. (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نۇرمۇھەممەد ئايۇپ)
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى