باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ بۇ يىل ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا 1-، 2-تۈركۈمى قوشۇۋېتىدۇ

2017.06.07 15:08         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بۇ يىلدىن تارتىپ، ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىشنىڭ يېڭى بەلگىلىمىسىىنى ئىجرا قىلىپ، قوبۇل قىلىش تۈركۈمىنى زور دەرىجىدە تەڭشەيدۇ، يەنى تولۇق كۇرس 2-، 3-تۈركۈمىنى قوشۇۋېتىدۇ ھەم يېڭىدىن تولۇق كۇرس 2-تۈركۈمىنى كۆپەيتىدۇ شۇنداقلا نومۇر قوشۇپ بېرىش سىياسىتىنى يەنىمۇ تەڭشەيدۇ.

  مۇخبىرنىڭ تۈنۈگۈن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن ئۇقۇشىچە، بۇ يىلدىن تارتىپ رەسمىي ئىجرا قىلىنىدىغان ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىش يېڭى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، شىنجاڭ تولۇق كۇرس 2-، 3-تۈركۈمىنى قوشۇۋېتىدىكەن ھەم يېڭىدىن تولۇق كۇرس 2-تۈركۈمىنى كۆپەيتىدىكەن، بۇلار تولۇق كۇرس مۇددەتتىن بۇرۇنقى تۈركۈمى، نامراتلار مەخسۇس تۈرى، جەنۇبىي شىنجاڭ ئايرىم پىلانى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش پىلانىدىكى تولۇق كۇرس 1-تۈركۈم ھەم تولۇق كۇرس 2-تۈركۈمى، ئۆز ئالدىغا تاللاپ قوبۇل قىلىش تۈركۈمى، تولۇق كۇرس 1-تۈركۈم ۋە 2-تۈركۈمى، ئالىي ۋە مەخسۇس تېخنىكوم مۇددەتتىن بۇرۇنقى تۈركۈمى قاتارلىق سەككىز تۈركۈمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بۇندىن باشقا، سەنئەت تۈرى 1-، 2-، 3-تۈركۈمى ھەم تەنتەربىيە تۈرى تولۇق كۇرس 1-، 2-، 3-تۈركۈمىمۇ قوشۇۋېتىلىدىكەن.

  ئاپتونوم رايوننىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى يېڭى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نومۇر قوشۇپ بېرىش سىياسىتى يەنىمۇ تەڭشىلىدىكەن، يەنى بۇ يىلدىن تارتىپ، ئاپتونوم رايون قوش تىل سىنىپلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا ئومۇميۈزلۈك ئېتىبار بېرىپ نومۇر قوشۇش سىياسىتىنى بىكار قىلىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاز سانلىق مىللەت سالاھىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك تىللاردىكى ئىمتىھانغا تىزىملاتقان ئوقۇغۇچىلار ھەم جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلارغا ئېتىبار بېرىلگەندىن سىرت، يەنە نومۇر قوشۇش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان باشقا ئوقۇغۇچىلارغا قوشۇپ بېرىلىدىغان نومۇر 20 دىن ئېشىپ كەتمەيدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر