باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يولداش لياۋ جۈنبوغا «مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى» دەپ نام بېرىش توغرىسىدىكى قارارى

(2017-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى)

2017.06.07 14:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: باش شۇجى شى جىنپىڭ 2017-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى فۇجيەن ئۆلكىسى نەنپىڭ شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق ئەزاسى، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى، ۋۇيى يېڭى رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى يولداش لياۋ جۈنبونىڭ ئىلغار ئىش-ئىزلىرى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يولداش لياۋ جۈنبو ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە، پارتىيەنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، مەسئۇلىيىتىنى جان-دىلى بىلەن تولۇق ئادا قىلىپ، يەرلىكتىكى كادىرلار ۋە ئاممىنى ئۆزىنى بېغىشلاش، جاپا-مۇشەققەتتىن قورقماي ئەمەلىي ئىشلەشكە يېتەكلەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پارتىيەگە سادىق بولۇش، ئاممىنى كۆڭلىگە پۈكۈش، ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا ئىشلەش، خالىس تۆھپە قوشۇشتەك ئېسىل پەزىلىتىنى گەۋدىلەندۈردى، ئۇ «مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر ناھىيەلىك پارتكوم شۇجىسى» دېگەن شەرەپلىك نامغا مۇناسىپ، بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار يولداش لياۋ جۈنبودىن ئۆگىنىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، پۇختا ئىشلەپ، پاك-دىيانەتلىك بولۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پارتىيەنىڭ فاڭجېن-سىياسەتلىرىنى ئاساسىي قاتلام ۋە ئامما ئارىسىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جان-دىلى بىلەن خەلققە بەخت يارىتىشى كېرەك.

  لياۋ جۈنبو، ئەر، فۇجيەننىڭ پۇ چېڭ ناھىيەسىدىن بولۇپ، 1968-يىلى 8-ئايدا تۇغۇلغان، 1990-يىلى 8-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1992-يىلى 7-ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، ھايات چېغىدا فۇجيەن ئۆلكىسى نەنپىڭ شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى، ۋۇيى يېڭى رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ئىدى، ئىلگىرى شاۋۋۇ شەھىرى ناكۇ بازىرىنىڭ باشلىقى، بازارلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شاۋۋۇ شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، جېڭخې ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، نەنپىڭ شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 2015-يىلى «مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر پارتكوم شۇجىسى» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن. 2017-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى كەچتە يولداش لياۋ جۈنبو ۋۇيى يېڭى رايونىغا يىغىن ئېچىشقا كېتىۋېتىپ، يولدا بەختكە قارشى قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچراپ، خىزمەت ئۈستىدە 48 يېشىدا قۇربان بولغان.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر