باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جۇڭگو قىزىل كىرېست فوندى جەمئىيىتى شىنجاڭدا تۇغما يۈرەك كېسىلى بىمارلىرىنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنى باشلىدى

2017.06.07 15:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو قىزىل كىرېست فوندى جەمئىيىتى بېيجىڭدا «پەرىشتە مىڭشىن فوندىنى قۇرۇش ۋە <بىر بەلباغ، بىر يول> ئىنسانپەرۋەرلىك قۇتقۇزۇش پىلانىنىڭ شىنجاڭدىكى تۇغما يۈرەك كېسىلى بىمارلىرىنى تاللاپ تەكشۈرۈش، قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى»نى باشلىدى.

  بۇ ھەرىكەت جۇڭگو قىزىل كىرېست فوندى جەمئىيىتى يىپەك يولى مېھرىبانلىق فوندى ياردەم قىلغان تۇنجى خەلقئارالىق تۈر «جۇڭگو-پاكىستان مېھرىبانلىق داۋالاش جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزى»نىڭ پاكىستان گۋادال پورتى پۈتۈش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدىن كېيىن بىرلىكتە باشلىغان «بىر بەلباغ، بىر يول» چوڭ كېسەللىكلەرنى ئىنسانپەرۋەتلىك قۇتقۇزۇش پىلانىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ياردەم بېرىش تۈرى بولۇپ، جۇڭگو قىزىل فوندى جەمئىيىتى پات ئارىدا قانات يايدۇرىدىغان موڭغۇلىيە، ئافغانىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىكى تۇغما يۈرەك كېسىلى بار بالىلارنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى بىلەن بىللە، مۇشۇ تۈرنىڭ دۆلەت ئىچى-سىرتىدا بىر گەۋدىلەشكەن قۇتقۇزۇش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىدۇ.

  بۇ قېتىمقى ھەرىكەت 6-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 18-كۈنىگىچە قەشقەر، خوتەن، ئىلىدا تەڭ قانات يايدۇرۇلىدۇ، 14 ياشتىن تۆۋەن بالىلار ئاساسلىق تەكشۈرۈش ئوبيېكتى قىلىنىدۇ. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ داۋالاش بايلىقى كەمچىللىك ئەھۋالى نەزەردە تۇتۇلۇپ، بۇ ھەرىكەتنىڭ قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش ئوبيېكتىنىڭ ياش چەكلىمىسى نامرات ئائىلىلەردىكى قۇرامىغا يەتكەن تۇغما يۈرەك كېسىلى بىمارلىرىغىچە مۇۋاپىق كېڭەيتىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر