باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

27 ئۆلكە، شەھەر دورا سېتىۋېلىش ئىككى تالونى تۈزۈمى لايىھەسىنى يولغا قويۇپ، ئۆتكۈنچى مەزگىل تەسىس قىلدى

2017.06.07 14:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دورا سېتىۋېلىش «ئىككى تالونى» تۈزۈمى تېز ئەمەلىيلەشتۈرۈلىۋاتىدۇ. «ئىقتىساد پايدىلىنىش گېزىتى» مۇخبىرىنىڭ ئىستاتىستىكسىغا ئاساسلانغاندا، ھازىر 27 ئۆلكە، شەھەردە دورا سېتىۋېلىش «ئىككى تالونى تۈزۈمى» نىڭ ئومۇمىي يولغا قويۇش لايىھەسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. جايلار ئومۇميۈزلۈك بىر مەزگىللىك ئۆتكۈنچى مەزگىل تەسىس قىلىپ، كېيىنكى يېرىم يىلدا ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرگەن.

  مەسىلەن: گۇاڭشى ئۆلكىسى مۇنۇلارنى ئېنىق بېكىتتى: لياۋجۇ، يۈلىن، گۇيلىن، بەيسې ۋە فاڭچېڭگاڭ شەھىرى قاتارلىق بەش سىناق نۇقتا شەھىرى 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ «ئىككى تالون تۈزۈمى» نى باشلامچىلىق بىلەن يولغا قويۇپ، 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن بۇرۇنقى ۋاقىتنى ئۆتكۈنچى مەزگىل قىلدى. باشقا ئاپتونوم رايون، شەھەرلەر 2018-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئومۇميۈزلۈك ئىجرا قىلىدۇ، ئۆتكۈنچى مەزگىل تەسىس قىلىنمايدۇ.

  «ئىككى تالون تۈزۈمى» دە: دورا ئىشلەپچىقارغۇچى كارخانىلار ئوبوروت كارخانىلىرىغا بېرىپ بىر قېتىم تالون كەستۈرىدۇ، ئوبوروت كارخانىلىرى يەنە داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا بېرىپ بىر قېتىم تالون كەستۈرىدۇ. دورا سېتىش ساھەسىنىڭ بىر تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرى بولغان «ئىككى تالون تۈزۈمى» نى يولغا قويۇشتىكى مەقسەت: ۋاسىتىلىك ھالقىسىنى قىسقارتىپ، يۇقىرى باھانى تۆۋەنلىتىش ھەم كېيىنكى قەدەمدىكى داۋالاش مۇلازىمىتى باھاسىنى تەڭشەشكە بوشلۇق قالدۇرۇشتىن ئىبارەت. ئىگىلىنىشچە، «ئىككى تالون تۈزۈمى» سىياسىتىنى يولغا قويۇشنىڭ دەسلەپكى مەقسىتى: دورا ئوبوروتىنىڭ ۋاسىتىلىك ھالقىسىنى قىسقارتىپ، دورىنىڭ باھاسىنى تۆۋەنلىتىش ئىكەن.

  دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى تۈزۈلمە ئىسلاھاتى مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى لياڭ ۋەننيەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «ئىككى تالون تۈزۈمى» ئوبوروت تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئوبوروت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، دورىنىڭ يۇقىرى باھاسىنى تۆۋەنلىتىشكە پايدىلىق؛ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، دورا سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، باھانى سۈرۈشتۈرۈش، ئاممىنىڭ دورا ئىشلىتىش بىخەتەرلىكىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق؛ ئوبوروت ھالقىسىنى ساپلاشتۇرۇش، دورا ئوبوروتى ساھەسىدىكى قالايمىقانچىلىقنى تۈزەش، قانۇنسىز يۆلەك، سودا پارىخورلىقى، باج ئوغرىلاش ۋە باجنى تولۇق تاپشۇرماسلىق قاتارلىق قانۇنسىز قىلمىشلارغا قانۇن بويىچە زەربە بېرىشكە پايدىلىق؛ دورا ساھەسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، كارخانىلارنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، زورايتىش ۋە كۈچەيتىشكە تۈرتكە بولۇش، كەسىپلەرنىڭ مەركەزلىشىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، داۋالاش ۋە دورىگەرلىك كەسپىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، «سەھىيە ئۈچ ھەمتۈرتكىلىك ئىسلاھاتى» نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پايدىلىق.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر