باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تيەنجىن-تۇرپان-غۇلجا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى 22-ئىيۇن ئېچىلىدۇ

2017.06.07 15:07         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ 5-ئىيۇن شىنجاڭ غۇلجا (نارات) ئايرودۇرۇمىدىن ئىگىلىشىچە، 22-ئىيۇندىن باشلاپ جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيەسىنىڭ تيەنجىن-تۇرپان-غۇلجا لىنىيەسى رەسمىي ئېچىۋېتىلىدىكەن. بۇنىڭ بىلەن تۇرپان-غۇلجىدىن ئىبارەت ئىككى ساياھەت رايونىدا تېخىمۇ ياخشى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى شەكىللىنىدىكەن.

  تيەنجىن-تۇرپان-غۇلجا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە بۇئېن737—800 تىپلىق نۆۋەتچى ئايروپىلان ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدىغان بولۇپ، بۇ نۆۋەتچى ئايروپىلانلار ھەر سەيشەنبە، پەيشەنبە، شەنبە، يەكشەنبە كۈنى قاتنايدىكەن. CA8293 نومۇرلۇق نۆۋەتچى ئايروپىلان ئەتىگەن بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 08:45 ئۆتكەندە تيەنجىندىن يولغا چىقىپ، بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 12:45 ئۆتكەندە تۇرپانغا يېتىپ بېرىپ، بىر سائەتكە يېقىن توختايدىكەن، سائەت 13:35 ئۆتكەندە يەنە قوزغىلىپ، سائەت 14:56 ئۆتكەندە غۇلجىغا يېتىپ بارىدىكەن. CA8294 نومۇرلۇق نۆۋەتچى ئايروپىلان سائەت 16:00 دە غۇلجا ئايرودۇرۇمىدىن يولغا چىقىپ، سائەت 17:25 ئۆتكەندە تۇرپانغا يېتىپ كېلىپ، قىسقا ۋاقىت توختايدىكەن، سائەت 18:15 ئۆتكەندە تۇرپاندىن تيەنجىنگە قاراپ ئۇچۇپ، سائەت 21:45 ئۆتكەندە تيەنجىنگە يېتىپ بارىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر