باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابىتى «رەقەملىك دورىگەرلىك قامۇسى» تۈزۈلىدۇ

2017.06.07 14:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائۇسنى چېكىپ، «دورا ماتېرىياللىرى ئامبىرى»نى ئىزدىگەندە شىنجاڭنىڭ ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت دورا ماتېرىياللىرىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى ۋە شەكلى، تەركىبىنى ئۆلچەش خەرىتىسى، ياساش ئۇسۇلى، ئىشلىتىلىش ئۇسۇلى ۋە ئىشلىتىلىش مىقدارى قاتارلىقلارنىڭ سۈرىتىمۇ، تېكىستىمۇ بار بولۇپ، بىر قاراپلا بىلگىلى بولىدۇ. بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى رەقەملەشتۈرۈلگەن يەرلىك دورا ماتېرىياللىرى ئۆلچىمى شىنجاڭدا ھەقسىز تارقىتىلىدۇ.

  6-ئىيۇن، ئاپتونوم رايونلۇق يېمەكلىك-دورا نازارەتچىلىك ئىدارىسى 2017-يىللىق ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرىنىڭ ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى ئاچتى. دۆلەت دورىگەرلىك قامۇسى كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى جاڭ ۋېي شىنجاڭ يېمەكلىك-دورا نازارەتچىلىكى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى خالمۇرات غوپۇر بىلەن «ئۇيغۇر دورىگەرلىك ئۆلچىمى رەقەملىك ھەمكارلىق كېلىشىمى»نى ئىمزالىدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق يېمەكلىك-دورا نازارەتچىلىكى ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سۈن لېي مۇنداق دېدى: بۇ رەقەملەشتۈرۈلگەن يەرلىك دورا ماتېرىياللىرى ئۆلچىمى يۇمشاق دېتالى دۆلەت دورىگەرلىك قامۇسى كومىتېتى تۈزۈپ چىققان «رەقەملەشتۈرۈلگەن جۇڭگوچە داۋالاش دورا ماتېرىياللىرى ئۆلچىمى» ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن بولۇپ، رەقەملەشتۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق 35 تۈرلۈك ئۇيغۇر تېبابىتى دورىسىنىڭ شەكلى، پەرقلەندۈرۈلۈشى، تەييارلاش ئۇسۇلى قاتارلىقلارنى سىستېمىلىق خاتىرىلەپ، ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرىنى تەكشۈرۈش، تەتقىق قىلىش ئاپپاراتلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ قولايلىق بولغان پايدىلىنىش ئۆلچىمى بىلەن تەمىنلەپ، مەھسۇلاتنىڭ ئىشەنچلىكلىكىنى ئاشۇرىدۇ.

  ھازىر شىنجاڭدا بار بولغان ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىدىن 11ى بولۇپ، ئۇيغۇر تېبابىتى دورا تەستىق نومۇرى 57گە، 2016-يىللىق مىللىي تېبابەت دورىلىرى مەھسۇلات قىممىتى 840 مىليون يۈەنگە يەتكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر