باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ، خەلقنى بېيىتىش ھەرىكىتىنىڭ «13-بەش يىللىق» پىلانىنى بېسىپ تارقاتتى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى چېگرا رايونلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشنى قوللىدى

2017.06.07 14:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ، خەلقنى بېيىتىش ھەرىكىتىنىڭ <13-بەش يىللىق> پىلانى»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىلان» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقىتىپ، «13-بەش يىل» مەزگىلىدە چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ، خەلقنى بېيىتىش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، چېگرا رايونلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشنى قوللاشنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇردى.

  «پىلان»دا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: چېگرا رايون ئېلىمىز ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشتە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ، دۆلەت زېمىن بىخەتەرلىكى ۋە ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ مۇھىم توسىقى بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇمىيىتىدە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا ئىگە. چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ، خەلقنى بېيىتىش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش __ چېگرا رايوننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، ۋەتەننىڭ چېگرا مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەش، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداش، جۇڭگو بىلەن چەت ئەلنىڭ قوشنىدارچىلىق، دوستلۇقىنى كۈچەيتىشتە ئالاھىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئېلىمىزنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىغا كىرىشىگە ئەگىشىپ، دۆلەت چېگرا رايونلارنى ئومۇميۈزلۈك يۆلەش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، ئېلىمىزنىڭ ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى يېڭى باسقۇچقا كىرىپ، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ، خەلقنى بېيىتىش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش مىسلىسىز پۇرسەتنى كۈتۈۋالدى.

  «پىلان»دا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: «چېگرا رايون ئاھالىسىنى ئاساس قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش؛ شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىش؛ بىر تۇتاش پىلانلاپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش؛ ئىسلاھ قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىپ، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ، خەلقنى بېيىتىش؛ ئارمىيە ئېھتىياجى بىلەن خەلق ئېھتىياجىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئورتاق قۇرۇپ، ئورتاق بەھرىلىنىش؛ ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چېگرانى مۇستەھكەملەپ، قوشنا بىلەن ئىناق ئۆتۈش» پىرىنسىپىدە چىڭ تۇرۇپ، 2020-يىلىغا بارغاندا، چېگرا رايونلارمۇ ماس قەدەمدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، ئۇل ئەسلىھەلەرنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىش ۋە چېگرا مۇداپىئە ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش؛ خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، چېگرا رايون ئاھالىسىنىڭ ماكانلىشىپ چېگرانى قوغداش شارائىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاش؛ ئۆزگىچە ئەۋزەللىككە ئىگە كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، ئاممىنىڭ چېگرا رايوندا ماكانلىشىپ بېيىشنى قوللاش رولىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش؛ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، لىنىيە بويىنى ئېچىش-ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈش؛ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشتا كۆرۈنەرلىك نەتىجىگە ئېرىشىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئاساسىنى يەنىمۇ پۇختىلاپ، چېگرا رايونلارنىڭ مۇقىم، ئىناقلىقىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر