باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو ئامېرىكا، ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرىنىڭ سۆزلىرىدىن قاتتىق نارازى بولدى

2017.06.06 15:43         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ماتتىس بىلەن ياپونىيەنىڭ مۇداپىئە ۋەزىرى ئىنادا تومومىنىڭ 3-ئىيۇن شاڭگىرىلا سۆزلىشىش يىغىنىدا جەنۇبىي دېڭىز، تەيۋەنگە ئالاقىدار مەسىلىلەردە قىلغان سۆزلىرى ھەققىدە 4-ئىيۇن مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە جۇڭگونىڭ مەيدانىنى شەرھلىدى.

  خۇا چۈنيىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئامېرىكا بىلەن ياپونىيەنىڭ ئالاقىدار ئەربابلىرىنىڭ مەسئۇلىيەتسىز سۆزلەرنى قىلغانلىقىغا دىققەت قىلىدۇ، بۇنىڭدىن قاتتىق نارازى بولغانلىقى ھەم قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

  خۇا چۈنيىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو نەنشا تاقىم ئاراللىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى دېڭىز ساھىلىغا قارىتا مۇنازىرىسىز ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە. جۇڭگو ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا قانۇن بويىچە جەنۇبىي دېڭىزدا بەھرىمەن بولىدىغان قاتناش ۋە ئۇچۇپ ئۆتۈش ئەركىنلېكىنى ھۆرمەتلەپ ھەم قوغداپ كەلدى، لېكىن جۇڭگو ئايرىم دۆلەتلەرنىڭ قاتناش ۋە ئۇچۇپ ئۆتۈش ئەركىنلىكى بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، جەنۇبىي دېڭىز رايونىدا قورال كۈچىنى كۆز-كۆز قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە بىخەتەرلىكىگە خىرىس قىلىشى ھەم تەھدىت سېلىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ.

  خۇا چۈنيىڭ مۇنداق دېدى: بۇ رايون سىرتىدىكى ئايرىم دۆلەتلەر جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسى ھەققىدە كۆپ قېتىم خاتا سۆزلەرنى قىلىپ، ئەمەلىيەتنى كۆزگە ئىلماي، ھەق-ناھەقنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلدى، بۇنىڭدا ئۇلارنىڭ پۈتۈنلەي باشقىچە غەرىزى بار. جۇڭگو بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، ئالاقىدار تەرەپلەرنى مەسئۇلىيەتسىز سۆزلەرنى قىلماسلىققا دەۋەت قىلىدۇ.

  خۇا چۈنيىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدا شەرقىي دېڭىزدا دياۋيۈ ئارىلىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇق تالاش-تارتىشى ۋە دېڭىز-ئوكيان چېگراسىنى ئايرىش مەسىلىسى مەۋجۇت. دياۋيۈ ئارىلى ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئاراللار ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ زېمىنى بولۇپ كەلگەن. جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى پاراخوتلىرىنىڭ ئالاقىدار دېڭىز ساھىلىنى چارلاپ قانۇن ئىجرا قىلىشى مۇۋاپىق، ھەققانىي ئىش. جۇڭگونىڭ زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە دېڭىز-ئوكيان ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش ئىرادىسى ھەم جاسارىتى قەتئىي ئۆزگەرمەيدۇ، بۇندىن كېيىنمۇ ئالاقىدار چارلاپ قانۇن ئىجرا قىلىش پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ياپونىيەنىڭ ئالاقىدار سۆزلىرىدە پاكىتقا سەل قارىلىپ، ھەق-ناھەق ئاستىن-ئۈستۈن قىلىنغان، بۇ گەپلەر پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. جۇڭگو ياپونىيەنى جۇڭگو-ياپونىيە مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش ھەم رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن كۆپرەك ئىجابىي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە دەۋەت قىلىدۇ.

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر