باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ 2017–يىللىق «دۇنيا ئالەم قاتنىشى ئۈستىدە ئىزدىنىش يىغىنى»غا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2017.06.07 14:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2017-يىللىق «دۇنيا ئالەم قاتنىشى ئۈستىدە ئىزدىنىش يىغىنى» 6-ئىيۇن بېيجىڭدا ئېچىلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىنسانلار قەدىمدىن تارتىپ بىپايان كائىناتقا قىزىققان ۋە ئىنتىلگەن، جۇڭخۇا مىللىتى كۆكتە پەرۋاز قىلىش توغرىسىدىكى رىۋايەت ۋە ئارزۇلارنى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا يەتكۈزۈپ كەلدى. 20-ئەسىردە ئىنسانلار ئالەم بوشلۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، شانلىق سەھىپىلەرنى ياراتتى. ئالەم قاتنىشى پەن-تېخنىكىسى ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە خەلقنىڭ تۇرمۇشىغا زور تەسىر كۆرسەتتى. كەلگۈسىدە ئالەم قاتنىشى پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرى دۇنيادىكى ھەر قايسى ئەل خەلقلىرىگە تېخىمۇ بەخت ياراتقۇسى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو ئالەم قاتنىشى ئۈستىدە ئىزدىنىش ۋە ئالەم پەن-تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشقا ئەزەلدىن يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، بىز خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئالەم بوشلۇقىنى تىنچ ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئالەم قاتنىشى ئۈستىدە ئىزدىنىش ۋە ئالەم قاتنىشى پەن – تېخنىكا نەتىجىلىرى ئارقىلىق ئىنسانلارغا تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسى يارىتىشقا تۆھپە قوشۇشنى خالايمىز. ئىشىنىمەنكى، بۇ قېتىمقى يىغىن دۇنيا ئالەم قاتنىشى پەن-تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتى ۋە خەلقئارا ئالاقە، ھەمكارلىقنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرگۈسى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر