باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن «11- ماي» يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى باشلاش يىغىنىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى:

ھەر ساھەنىڭ كۈچىنى تەشكىللەپ ۋە سەپەرۋەر قىلىپ، ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك باشلاش، پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

2017.06.07 15:39         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايون 6- ئاينىڭ 6- كۈنى قەشقەر شەھىرىدە تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن «11- ماي» يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى باشلاش يىغىنى ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىندا مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىدىكى رەھبىرىي يولداشلارنىڭ ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر ساھەنىڭ كۈچىنى تەشكىللەپ ۋە سەپەرۋەر قىلىپ، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك باشلاش ۋە پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  شۆھرەت زاكىر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى يېتەكچى قىلىپ، بىر يېرىم يىلدا ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش ۋەزىپىسىنى تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئاپەت يۈز بەرگەن رايوننىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى يەر تەۋرەشتىن ئىلگىرىكى سەۋىيەدىنمۇ ئاشۇرۇۋېتىش كېرەك. ھازىر ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش خىزمىتى ھالقىلىق باسقۇچقا قەدەم قويدى، ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك باشلاپ، ئاپەت يۈز بەرگەن رايوننىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىقتىدارىنى تېزدىن ئۆستۈرۈش كېرەك.

  بىرىنچى، ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش پىلانىنى ئىلمىي تۈزۈپ يولغا قويۇش كېرەك. ئولتۇراقلاشتۇرۇشنى بىخەتەر، كاپالەتكە ئىگە قىلىش، جامائەت مۇلازىمىتىنى ياخشىلاش، ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ئىشلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولۇش، چېگرا باشقۇرۇش- تىزگىنلەش ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  ئىككىنچى، ئالدى بىلەن ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئۆرۈلۈپ كەتكەن ئۆيلەرنى قايتا سېلىش كېرەك. ئۆي ئورنىنى ئەتراپلىق، مۇۋاپىق تاللاپ، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن مەبلەغ توپلاپ، قۇرۇلۇشقا تەشكىللەشنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭىدىن سېلىنىدىغان ئۆيلەرنىڭ سۈپىتىگە ھەم بۇ يىل قىش كىرىشتىن ئىلگىرى ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ تۇرالغۇ مەسىلىسىنى ئومۇميۈزلۈك ھەل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ئۈچىنچى، جامائەت مۇلازىمىتى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش كېرەك. دۆلەت، ئۆلكە يولى غول لىنىيەسى، يېزا يولى قاتارلىق مۇھىم يوللارنى تېزدىن رېمونت قىلىپ ۋە راۋانلاشتۇرۇپ، مۇۋاپىق پەيتتە مەڭگۈلۈك قۇرۇلۇشلارنى باشلاش؛ ئاپەتنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغان مەكتەپ، دوختۇرخانا، شىپاخانا قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇشنى تېزلىتىش؛ توك، خەۋەرلىشىش، سۇچىلىق، پار بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى چىڭ تۇتۇپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇشقا شارائىت ھازىرلاش كېرەك.

  تۆتىنچى، ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە تەرتىپلىك ياردەم بېرىش كېرەك. ئامال قىلىپ زۆرۈر بولغان ئىشلەپچىقىرىش ماددىي ئەشيالىرى ۋە ئىشلەپچىقىرىش سېلىنمىسىنى ھازىرلاپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە كىرىمىنى ئاشۇرۇش مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىش؛ ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي، ئەمىن ئۆي، مۇقىم كىگىز ئۆي سېلىش، چېدىر تىكىش قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى ئۆتكۈنچى مەزگىللىك ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

  بەشىنچى، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش ئىقتىدارىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، ئاپەتتىن ئالدىن سىگنال بېرىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، كەلكۈن، لاتقا- شېغىللىق ئېقىن، تاغ سىيرىلىش ۋە تۇراقسىز يانتۇلۇق قاتارلىق ئاپەت خەتىرى بار رايونلار ۋە يوشۇرۇن خەتەر نۇقتىلىرىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، جىددىي ياردەم بېرىش، قۇتقۇزۇش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك.

  شۆھرەت زاكىر مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك تارماقلار «ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش» مەخسۇس پائالىيىتى ئارقىلىق ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ ئىستىلىنى ياخشىلاپ، ياخشى ئىستىل بىلەن ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى ئىنچىكە ۋە ئەمەلىي ئىشلەپ، ياخشى ئىشنى ئوبدان بېجىرىپ، ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش ئارقىلىق پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ قويۇقلاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەلرايىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىپ، ئاممىۋى خىزمەتنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەش؛ ئىشنى دەل جايىدا قىلىش، ئەمەلىي بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ياخشى ئىشنى تىرىشىپ ياخشى بېجىرىش؛ تەشۋىقات جامائەت پىكرى يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇشتىكى ئاكتىپ كۈچلەرنى مۇجەسسەملەپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان رايوندىكى ئاممىغا پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك. تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئىنتىزام ۋە مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش خىزمىتىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، پاك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، قۇرۇلۇش قىلىش جەريانىدا چىرىكلىشىش ۋە سۈپەتسىز قۇرۇلۇشلارنىڭ كۆرۈلۈشىگە قەتئىي يول قويماسلىق كېرەك. ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇشتىن ئىبارەت كەسكىن جەڭدە تېخىمۇ قاتتىق ئىرادە، تېخىمۇ كەسكىن ھەرىكەت، تېخىمۇ پۇختا قەدەم بىلەن غەلىبىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈپ، تىرىشىپ ئاپەتكە ئۇچرىغان رايوندىكى ئاممىغا گۈزەل، ئىناق يېڭى يۇرت- ماكان قۇرۇپ بېرىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجىلەر بىلەن كۈتۈۋېلىش كېرەك.

  يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىنغا ئاپتونوم رايون ۋە شىنجاڭ ھەربىي رايونى، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى رەھبەرلىرىدىن جەرۇللا ھېسامىدىن، ۋەن خەيچۈەن، ئىنايەت ئۆمەر، ليۇ مىڭباڭ قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر