باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بۇرچىمىزنى مۇتلەق ساداقەتمەنلىك بىلەن زىممىمىزگە ئېلىپ، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى كۈرەشنىڭ دەۋر ساداسىنى ياڭرىتىمىز

− ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تەشكىلات سىستېمىسىدىكىلەرنىڭ كادىرلار قوشۇنىدىكى «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىش قەسەمياد يىغىنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەشكىلات سىستېمىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

2017.06.07 15:38         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرىمىز لى ياڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ليۇ يەن خەۋەر قىلىدۇ: 6- ئاينىڭ 4- كۈنى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تەشكىلات سىستېمىسىدىكىلەرنىڭ كادىرلار قوشۇنىدىكى «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىش قەسەمياد يىغىنى ئېچىلغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك تەشكىلات بۆلۈملىرىدە يىغىن روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى.تەشكىلات سىستېمىسىدىكى كادىرلار بەس- بەستە مۇنداق دېيىشتى: سىياسىي مەيدانىمىزنى مۇستەھكەملەپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەش قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى سادىقلىق بىلەن زىممىمىزگە ئېلىپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە ئۈلگە بولۇپ، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى ئاداققىچە قەتئىي كۈرەش قىلىپ، تېخىمۇ قەتئىي ئىرادە، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر، تېخىمۇ ئەمەلىيەتچىل ئىستىل بىلەن پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىشىنى كۈتۈۋالىمىز.

  ئىلى ئوبلاستلىق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى كادىرلارنى تەربىيەلەش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ئالماس بايدۆۋلەت مۇنداق دېدى: «ئۈچ خىل كۈچ» ۋەتەننى پارچىلاش غەرىزىدە بولۇۋاتىدۇ، بىز بۇنىڭغا ھەرگىز يول قويمايمىز. «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ تىلى بىلەن دىلى باشقا بولۇپ، ئۇلار «ئۈچ خىل كۈچ»كە قولچوماق بولۇۋاتىدۇ، بىز بۇنىڭغا ھەرگىز تاقەت قىلىپ تۇرمايمىز. مەن ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان تەشكىلات خىزمىتى كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بايرىقىم روشەن ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۆھپە قوشىمەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئورگان ئىشلىرى ئىدارىسى كادىرلار باشقارمىسىنىڭ باشلىقى جاڭ رۈيشۈ مۇنداق دېدى: تەشكىلات خىزمىتى كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئوي- پىكرىم ۋە زېھنىمنى باشتىن- ئاخىر باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە قارىتىپ، ھەققانىيەت يولىدىن يانماي، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمەن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، پارتىيەلىك كادىرلارغا ئۈلگە بولۇپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ تېخىمۇ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەيمەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى تۇرغۇن رېھىم مۇنداق دېدى: ئۆسۈپ يېتىلىشىم پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە تەربىيەلىشىدىن ئايرىلالمايدۇ، مەن بارلىقىمنى پارتىيە ۋە دۆلەتكە بېغىشلاشنى، پارتىيە ۋە دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇشنى بۇرچۇم دەپ بىلىمەن ۋە بۇنى ئېسىمدە مەھكەم ساقلايمەن. «ئىككى يۈزلىمىچى» لەرگە قارشى تىغمۇ تىغ ئېلىشىشتا، كوممۇنىستلارچە ئېتىقادىمنى چىڭ ساقلاپ، باش نىشاننى قەتئىي ۋە مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، قەسىمىمنى ساداقەتمەنلىك ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئەمەلدە كۆرسىتىمەن.

  شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتى پارتكومى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سۇڭ يۈجيې مۇنداق دېدى: ئالىي مەكتەپ سوتسىيالىزمنىڭ لاياقەتلىك قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىشەنچلىك ئىز باسارلىرىنى تەربىيەلەيدىغان بۆشۈك، ئالىي مەكتەپنىڭ تەشكىلات خىزمىتى كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن سىياسىي ئېتىقادىمنى مۇستەھكەملەپ، سىياسىي ئىنتىزامنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيىتىمنى قەتئىي ئادا قىلىپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى باشقۇرۇشنى چىڭ تۇتۇپ، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ دەرس مۇنبىرىگە چىقىشىغا ھەرگىز يول قويمايمەن.

  ئالتاي ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى چېن بو مۇنداق دېدى: پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇپ، بارلىقىمنى پارتىيە ۋە دۆلەتكە بېغىشلاپ، پارتىيەگە ۋە ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇپ، تىرىشىپ «بەشتە ئۈلگە» بولىمەن. بىز سىياسىي جەھەتتە ئىشەنچلىك، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالالايدىغان، بوران- چاپقۇنلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان كادىرلارنى دادىل ئۆستۈرۈپ ئىشلىتىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشتە مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالالايدىغانلارنى ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىپ ۋە ئۆستۈرۈپ، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە پاناھلانغۇدەك جاي قويماسلىقىمىز كېرەك!

  كورلا شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى جاڭ جۈنجيې مۇنداق دېدى: بىز «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئۇلارنى بىخ ھالىتىدە يوقىتىپ، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە پاناھلانغۇدەك جاي قويماي، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىدە تولۇق غەلىبە قىلىشنى كۈچلۈك تەشكىلات كاپالىتىگە ئىگە قىلىمىز.

  يېڭى ئېنېرگىيە گۇرۇھى پارتكومى تەشكىلات بۆلۈمى(ئادەم كۈچى بايلىقى بۆلۈمى)نىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ شىنخۇڭ مۇنداق دېدى: مەن ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇننى ئۈلگە قىلىپ، پارتىيەگە سادىق بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئېلىپ، بارلىق بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسى، سۆز- ھەرىكەتلىرىگە قارشى قەتئىي جەڭ ئېلان قىلىپ، «ئىككى يۈزلىمىچى»، «ئىككى يۈزلىمىچىلىك»كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، دۆلەت كارخانىسىدىكى سىياسىيدا، ئىقتىداردا، ئىستىلدا كۈچلۈك ياخشى كادىرلارنى تاللاپ ئىشلىتىمىز.

  ئاقسۇ شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى پەن ۋەنفېڭ مۇنداق دېدى: تەشكىلات تارماقلىرىدىكىلەر «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى كۈرەشتە مۇستەھكەم ئېتىقادى بىلەن پارتىيەگە سادىق بولۇشنى ئىچكى جەھەتتە مەنىۋى كۈچكە، تاشقى جەھەتتە ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇپ، بۇ قېتىمقى قەسەمياد يىغىنىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، پارتىيەگە سادىق بولۇش، سىياسىيدا كۈچلۈك بولۇش، ئادىل- دۇرۇس بولۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىشنىڭ نەمۇنىچىلىرىدىن بولىمىز.

  چىرا ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى پەرھات ئابلىمىت مۇنداق دېدى: «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر كادىرلار قوشۇنىدىكى «زەھەرلىك ئۆسمە»، بىز كادىرلارنى باشقۇرۇش، نازارەت قىلىشنى چىڭىتىپ، كادىرلارنى تەكشۈرۈپ باھالاش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پاك، دۇرۇس سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىمىز.

  ئاراتۈرۈك ناھىيەلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى غەيرەت شەرۇل مۇنداق دېدى: مەن ئۆز ئەۋزەللىكىمنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاممىنى تەربىيەلەش، تەشكىللەش، سەپەرۋەر قىلىشتەك مەسئۇلىيەتنى زىممەمگە ئېلىپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى ياخشى قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بارلىق سۆز- ھەرىكەتلەر ھەم «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىمەن.

  بورتالا ئوبلاستلىق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ خادىمى ۋاڭ جياڭشېن مۇنداق دېدى: ياش تەشكىلات خىزمىتى كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن قەسەمياد يىغىنىنىڭ چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، سىياسىي نەزەرىيە ۋە كەسپىي بىلىملەرنى ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى پەرق ئېتىش ئىقتىدارىمنى ئاشۇرۇپ، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن.

  قاغىلىق ناھىيەلىك پارتكوم ئىختىساسلىقلار ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، كۆكيار يېزىسىنىڭ تارئېغىز كەنتىدە تۇرۇشلۇق بىرىنچى شۇجى خۇ پېڭخۇي مۇنداق دېدى: مەن ئەۋزەللىكىمنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۈلگە بولۇپ، «ئىككى يۈزلىمىچى» لەرگە قارشى كۈرەش قىلىدىغان كۈچلۈك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنىڭ كۈچلۈك مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەشكە يېتەكلەپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشنىڭ ئۇلىنى پۇختىلايمەن.

  ساۋەن ناھىيەسى شاڭخۇدى يېزىلىق پارتكومنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات كادىرى جيەن لى مۇنداق دېدى: بىز باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيەگە باشتىن- ئاخىر سادىق بولۇپ، ئۆزىمىزنى پارتىيە ۋە دۆلەتكە بېغىشلاپ، پارتىيەگە، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرىمىز، يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇننى ئۈلگە قىلىپ، قەسىمىمىزنى ئىسسىق قېنىمىز ۋە ساداقىتىمىز ئارقىلىق ئادا قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇلىنى مۇستەھكەملەپ، گۈزەل يۇرت- ماكانىمىزنى قەتئىي قوغدايمىز.

  قاراماي شەھىرى جەرەنبۇلاق رايونلۇق كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى ياڭ مۇنداق دېدى: ئۇزاق يىل پارتىيەنىڭ تەربىيەسىنى ئالغان پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن پارتىيە تەشكىلاتىغا يېقىندىن ئەگىشىپ، ھالقىلىق پەيتتە سەپنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي ھايات- ماماتلىق كۈرەش قىلىپ، ئۆزۈمنى پارتىيە ۋە دۆلەتكە بېغىشلاپ، پارتىيەگە، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش توغرىسىدا بەرگەن قەسىمىمنى ئەمەلىي ھەرىكىتىمدە كۆرسىتىمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر