باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

5-نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىيچە ئۇسسۇل بايرىمى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدۇ، ئەرزان بېلەت باھاسى ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈلىدۇ

دۆلەت ئىچى ۋە چەت ئەللەردىن كەلگەن 20دىن ئارتۇق سەنئەت ئۆمىكى تاماشىبىنلارغا 60 مەيداندىن ئارتۇق ئويۇن كۆرسىتىدۇ

2017.06.08 15:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئىيۇن، 5-نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىيچە ئۇسسۇل بايرىمىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى، ئىگىلىنىشىچە، 5-نۆۋەتلىك ئۇسسۇل بايرىمى 7-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن. شۇ ۋاقىتتا، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن 20دىن ئارتۇق سەنئەت ئۆمىكى ئايرىم-ئايرىم شىنجاڭ خەلق سارىيى قاتارلىق تىياتىرخانىلاردا تاماشىبىنلارغا 60 نەچچە مەيدان ئويۇن كۆرسىتىدىكەن.

  «جۇڭگو ئارزۇسى، رەڭدار يىپەك يولى» تېمىسىدىكى 5-نۆۋەتلىك ئۇسسۇل بايرىمىنى مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان. بۇ قېتىملىق ئۇسسۇل بايرىمىنىڭ تەشكىلىي كومىتېتى بىرما، كونگو (كىنشاسا)، مىسىر، گىرۇزىيە، پاكىستان، پولشا، رۇسيە، تاجىكىستان، ئۇكرائىنا، ئۆزبېكىستان قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ مۇنەۋۋەر سەنئەت ئۆمەكلىرىنى تەكلىپ قىلغان بولۇپ، دۆلىتىمىز ئىچىدىكى مۇنەۋۋەر سەنئەت ئۆمەكلىرىمۇ ئۆزىنىڭ نادىر ئەسەرلىرىنى ئېلىپ، بۇ نۆۋەتلىك ئۇسسۇل بايرىمىغا قاتنىشىدۇ.

  تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇ قېتىمقى ئۇسسۇل بايرىمىنىڭ بېلىتىدە، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان ئەرزان باھادىكى بېلەتمۇ ھەم شۇنداقلا ھەقسىز سوۋغا قىلىنىدىغان بېلەتمۇ بار بولۇپ، تاماشىبىنلارنىڭ ئۆز يۇرتىدا تۇرۇپلا دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئەڭ داڭلىق سەنئەت نومۇرلىرىدىن ھۇزۇرلىنىشىغا قولايلىق يارىتىلدى. بېلەت باھاسى ئىككى تۈركۈمگە بۆلۈنىدۇ، بىرىنچى تۈركۈمىدىكى بېلەت باھاسى: 80 يۈەن، 100 يۈەن، 120 يۈەن؛ ئىككىنچى تۈركۈمدىكى بېلەت باھاسى: 200 يۈەن، 260 يۈەن. ئۇندىن باشقا، شەھەر ئاھالىلىرى جامائەت پاراۋانلىقى مەخسۇس پائالىيىتى ۋە تاراتقۇلاردا بېلەت تالىشىش ئارقىلىق ھەقسىز ئويۇن كۆرسىمۇ بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر