باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى بۇ يىل 1 مىليوندىن ئارتۇق يېڭىچە كەسپىي دېھقاننىڭ يېتىشتۈرۈلىدىغانلىقىنى ئېيتتى

2017.06.08 15:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا تەييۈەندە ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك يېڭىچە كەسپىي دېھقانلارنى يېتىشتۈرۈش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنىدا، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى پەن-تېخنىكا، مائارىپ مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى لياۋ شىيۈەن: بۇ يىل پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا 1 مىليون كىشىدىن ئارتۇق يېڭىچە كەسپىي دېھقاننىڭ يېتىشتۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  لياۋ شىيۈەن مۇنداق دېدى: ھازىر مەملىكەت بويىچە يېڭىچە كەسپىي دېھقانلار كۆلىمى 14 مىليون كىشىدىن ئاشتى، زور بىر تۈركۈم مەدەنىيەتلىك، تېخنىكا بىلىدىغان، تىجارەت قىلالايدىغان يېڭىچە كەسپىي دېھقانلار زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى قۇرۇلۇشىدىكى يېتەكچىلىك كۈچ بولماقتا؛ بۇ يىل مەركەز مالىيەسى 1 مىليارد 500 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، زامانىۋى ياش دېھقانچىلىق مەيدان غوجايىنلىرىنى يېتىشتۈرۈش پىلانى، يېڭىچە يېزا ئىگىلىك تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ باشلامچىلىرىنى نۆۋەت بىلەن تەربىيەلەش پىلانى، يېزىلاردىكى ئىختىساسلىق باشلامچىلارنى تەربىيەلەش پىلانىنى نۇقتىلىق يولغا قويۇپ، بىر يىل ئىچىدە مىليوندىن ئارتۇق يېڭىچە كەسپىي دېھقانلارنى يېتىشتۈرىدۇ.

  لياۋ شىيۈەن تەكلىپ بېرىپ: يېڭىچە كەسپىي دېھقانلارنى يېتىشتۈرۈش خىزمىتىدە «ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنى يۇغۇرۇش، ئەندىزىدە يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمنى مۇستەھكەملەش»تەك ئومۇمىي تەسەۋۋۇردا چىڭ تۇرۇپ، يېتىلدۈرۈشنىڭ قاراتمىلىقى، ئۆلچەملىكلىكى، ئۈنۈملۈكلىكىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشى لازىم؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بازار مېخانىزمىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شارائىتى يار بېرىدىغان يېزا ئىگىلىك كارخانىلىرى، يېزا ئىگىلىك كوپىراتىپى قاتارلىق بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ھۆكۈمەت سېتىۋېلىشقا مۇلازىمەت قىلىش، بازارلاشتۇرۇپ يۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن تەربىيەلەش خىزمىتىگە قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ ۋە قوللاپ، يېڭىچە كەسپىي دېھقانلارنى تەربىيەلەشنىڭ كەسىپكە يۈزلىنىشى، كەسىپكە يۇغۇرۇلۇشى، كەسىپكە مۇلازىمەت قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر