باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چۇڭچىڭدا بىر ئوقۇتقۇچى پۈتۈن سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىش كىنىشكىسىنى مېھمانخانىدا ئۇنتۇپ قالدى

ساقچىلار مېھمانخانىغا ئۇچقاندەك بېرىپ، ۋاقتىدا ئېلىپ كەلدى

2017.06.08 16:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئىيۇن ئەتىگەن سائەت سەككىزلەردە، چوڭچىڭ يۈسەي ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى 2017-يىللىق مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نۇقتىسىدا، بىر ئوقۇتقۇچى ساقچىلاردىن ياردەم سورىغان بولۇپ، ئۇ ئېھتىياتسىزلىقتىن پۈتۈن سىنىپتىكى نەچچە ئون ئوقۇغۇچىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىش كىنىشكىسىنى مېھمانخانىدا ئۇنتۇپ قالغان. چۇڭچىڭ جيۇلۇڭپودىكى خەلق ساقچىلىرى ئۇنى ساقچى موتسىكلىتىدا مېھمانخانىغا ئاپىرىپ، ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىلىرىنى ئىمتىھان باشلىنىش ئالدىدا ئوڭۇشلۇق ئېلىپ كەلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئوقۇتقۇچى ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئىمتىھانغا قاتنىشىشىغا ھەمراھ بولىدىغان مەسئۇل ئوقۇتقۇچى ئىكەن. ئىمتىھان نۇقتىسىغا كەلگەندىن كېيىن، ئۆزى يىغىپ ساقلىغان نەچچە ئون ئوقۇغۇچىنىڭ ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسىنىڭ ھەممىسىنى مېھمانخانىدا ئۇنتۇپ قالغانلىقىنى بايقىغان. مۇئەللىمنىڭ دېيىشىچە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىپەرۋالىق قىلىپ كىنىشكىسىنى ئۇنتۇپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلغانلىقتىن، مەكتەپ كۆپچىلىكنىڭ ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسىنى ئوقۇتقۇچىلار بىر تۇتاش ساقلاش ھەمدە ئىمتىھان مەيدانىغا ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلغان. ئويلىمىغان يەردىن ئوقۇتقۇچى ئالدىراشلىقتا يەنىلا ئۇنتۇپ قالغان.

  مەلۇماتنى تاپشۇرۋالغاندىن كېيىن، چۇڭچىڭ جيۇلۇڭپو رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماق ئىدارىسى ساقچىلىرى دەرھال ئوقۇتقۇچىنى مېھمانخانىغا ئېلىپ باردى، بۇ دەل ئەتىگەنلىك ئىشقا چىقىشنىڭ يۇقىرى پەللىسى بولۇپ، ساقچىلار ئالدىن يول بويىدىكى قاتناش چارلاش ساقچىلىرىغا ھەمكارلىشىش بۇيرۇقى چۈشۈرۈپ، يول قاتنىشىنىڭ راۋانلىقىغا كۈچىنىڭ بارىچە كاپالەتلىك قىلدى. مەكتەپكە قايتىش يولىدا، خەلق ساقچىلىرى ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسىنى ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ قولىغا ئۆز ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن، كەسكىنلىك بىلەن ساقچى چىرىغى ياندۇرۇپ، سىگنال چېلىپ، تېز سۈرئەتتە مەكتەپ دەرۋازىسىغا يېتىپ كەلدى. ئەسلىدە 40 مىنۇت كېتىدىغان مۇساپە 15 مىنۇت ئىچىدە تاماملاندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر