خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئىيۇن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 8-ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھان نۇقتىسىنىڭ ئالدىدا، رۇشەنگۈل ئابدۇللا ئۆزىگە ئىشەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى ئىمتىھاننى ناھايىتى ياخشى بەردىم دەپ ئويلايمەن، مېنىڭ نىشانىم جۇڭگو سىياسىي-قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇش».
رۇشەنگۈل ئابدۇللا 2017-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بەرگۈچىلەر ئىچىدىكى بىرسى، باشقا ئىمتىھان بەرگۈچىلەر بىلەن ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، ئۇ بۇيىل 56 ياشقا كىردى. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بېرىشىدىكى سەۋەپ توغرىسىدا توختالغاندا، رۇشەنگۈل ئابدۇللا مۇنداق دېدى: «1978-يىلىدىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمەسلىكىم مېنىڭ قەلبىمدىكى چوڭقۇر داغ بولۇپ قالغان، مەن تىرىشچانلىقىم ئارقىلىق ئۆزۈمنىڭ ئەنە شۇ چاغدىكى يېتەلمىگەن ئارزۇيۇمغا يەتمەكچى».
بىر تاساددىپىي پۇرسەتتە ئۇ دوستىدىن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بېرىشتىكى ياش چەكلىمىسى بىكار قىلىنغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئاڭلاپ قالىدۇ ۋە دەررۇ كاللىسىدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بېرىپ سىناپ بېقىش خىيالى پەيدا بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىتابخانىدىن ئىمتىھان تەييارلىقى كىتابلىرىنى سېتىۋىلىپ، تەكرار قىلىشنى باشلايدۇ.
2015-يىلى رۇشەنگۈل ئابدۇللا ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملىتىپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقۇچى «ئوقۇغۇچى» بولۇش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ، بىراق تەكرار قىلىشتا يېتەكچى ئوقۇتقۇچى بولماسلىق سەۋەبلىك، رۇشەنگۈل ئۇ يىلقى ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەيدۇ.
__ «ئۇ قېتىم گەرچە نەتىجەم ياخشى بولمىسىمۇ، بىراق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى بېشىمدىن كەچۈردۈم، نەتىجىگە قارىغاندا، مەن جەرياننى بەكرەك ياخشى كۆرۈمەن»__، رۇشەنگۈل ئابدۇللا شۇنداق دېدى. 2016-يىلى، ئۇ يەنە بىر قېتىم تىزىملىتىپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشتى. نەتىجىدە، ئالدىنقى يىلىغا قارىغاندا نەتىجىسىدە كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەش بولدى.
رۇشەنگۈل ئابدۇللا ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: مېنىڭ ئارزۇيۇمدىكى مەكتەپ جۇڭگو سىياسىي-قانۇن ئۇنىۋېرسىتى، گەرچە ھازىر ئارزۇيۇم بىلەن ئەمەلىيەت ئوتتۇرىسىدا يەنە بىرئاز پەرق بولسىمۇ، بىراق مەن ۋاز كەچمەيمەن. تەن سالامەتلىكىم يار بەرسىلا، مەن چوقۇم ئاخىرغىچە بەرداشلىق بېرىمەن. ئەگەردە بۇ يىل ئۆتەلمىسەم، كېلەر يىلى يەنە ئىمتىھان بېرىمەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى