باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

لىپپى دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ئۈمىدىدىن ھەرگىز ۋاز كەچمەيمەن، جۇڭگو A دەرىجىلىكلەر كۇلۇبىدىكى توپچىلارنىڭمۇ دۆلەت كوماندىسىغا كىرگۈدەك ئىقتىدارى بار، دېدى

2017.06.08 16:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئىيۇن كەچتە ئېلىپ بېرىلغان بىر مەيدان بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسىدە، يەنە بىر قېتىم تيەنخې تەنتەربىيە مەركىزىنىڭ تىرېنېرلار ئورنىغا قايتىپ كەلگەن لىپپى دۆلەت كوماندىسىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، 8:1 نەتىجە بىلەن فېلىپپىن كوماندىسىنى يېڭىپ، ئۇزۇندىن بېرى ئارزۇ قىلغان چوڭ غەلىبىنى كۈتۈۋالدى. مۇسابىقىدىن كېيىنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان دۇنيا لوڭقىسى تەييارلىق مۇسابىقىسىنىڭ كېيىنكى مەيداندىكى سۇرىيە كوماندىسى بىلەن چۈشىدىغان «ھايات- ماماتلىق جېڭى»نى تىلغا ئالغاندا، لىپپى: دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ئۈمىدىدىن ھەرگىز ۋاز كەچمەيمەن، دېدى.

  13- ئىيۇن، دۆلەت پۇتبول كوماندىسى مالايسىيادا سۇرىيە كوماندىسى بىلەن دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ تەييارلىق مۇسابىقىسىگە چۈشىدۇ، ئەگەر غەلىبە قىلالمىسا، جۇڭگو كوماندىسى رۇسىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى بىلەن مۇددەتتىن بۇرۇن خوشلىشىدۇ.

  لىپپى: «سۇرىيە كوماندىسى بىزنىڭ ئىقتىدارىمىز يەتكەن دائىرە ئىچىدە، ئەگەر بىز بۇنداق كوماندىغا ئۆز مەيدانىمىز ۋە مېھمان مەيداننىڭ ئىككىلىسىدە ئۇتتۇرۇپ قويساق، شاللىنىپ كېتىمىز، لېكىن بىز دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ئۈمىدىدىن ھەرگىز ۋاز كەچمەيمىز»، دېدى.

  بۇ مەيدان بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسىدە جۇڭگو كوماندىسى سەككىز توپ كىرگۈزۈپ، ئۇزۇندىن بۇيان كۈتكەن چوڭ غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى، بىراق لىپپى ئۆزىنىڭ توپ كىرگۈزۈشكە ئەمەس، بەلكى مۇسابىقە جەريانى ۋە مەزمۇنىغا بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر