باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدا چەت ئەللىكلەرنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ خىزمەت قىلىشىغا ئىجازەت بېرىش تۈزۈمى رەسمىي يولغا قويۇلدى

2017.06.09 14:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئىيۇن، ئاپتونوم رايونىمىز چەت ئەللىكلەرنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ خىزمەت قىلىشىغا ئىجازەت بېرىش بويىچە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، چەت ئەللىكلەرنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ خىزمەت قىلىشقا ئىجازەت بېرىشكە ئالاقىدار سىياسەتلەرنى ئېلان قىلىپ، چەت ئەلدىن شىنجاڭغا كېلىپ خىزمەت قىلىۋاتقان ئالتە خادىمغا تۇنجى تۈركۈمدىكى «چەت ئەللىكلەر خىزمەت ئىجازەتنامىسى»نى تارقىتىپ بەردى. بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ چەت ئەللىكلەرنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ خىزمەت قىلىشىغا ئىجازەت بېرىش تۈزۈمىنى رەسمى يولغا قويغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

  چەت ئەللىكلەرنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ خىزمەت قىلىشىغا ئىجازەت بېرىش تۈزۈمى بولسا، ئىلگىرىكى «چەت ئەللىكلەرنىڭ چېگرادىن كىرىپ خىزمەت قىلىشىغا ئىجازەت بېرىش» ۋە «چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ خىزمەت قىلىشىغا ئىجازەت بېرىش»نى بىرلەشتۈرۈپ، «چەت ئەللىكلەرنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ خىزمەت قىلىشىغا ئىجازەت بېرىش»كە ئۆزگەرتىشنى كۆرسىتىدۇ (قىسقارتىپ ‹ئىككى كىنىشكىنى بىرلەشتۈرۈش› دېيىلىدۇ). بۇ يىل 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، دۆلىتىمىزدە بىر تۇتاش يولغا قويۇلغان.

  بۇ تۈزۈم يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، چەت ئەللىكلەرگە «چەت ئەللىكلەرنىڭ خىزمەت قىلىش ئىجازىتى ئۇقتۇرۇشى» ۋە « چەت ئەللىكلەرنىڭ خىزمەت قىلىش ئىجازەتنامىسى» تارقىتىپ بېرىلىدۇ، «چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ خىزمەت قىلىشىغا ئىجازەت بېرىش»، «چەت ئەللىكلەرنىڭ چېگرادىن كىرىپ خىزمەت قىلىشىغا ئىجازەت بېرىش» ۋە ئالاقىدار گۇۋاھنامىلەر قايتا تارقىتىلمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر