باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

8-نۆۋەتلىك پاكىز ئېنېرگىيە مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنى باشلاندى

2017.06.08 15:53         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  8-نۆۋەتلىك پاكىز ئېنېرگىيە مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنى ۋە 2-نۆۋەتلىك يېڭىلىق يارىتىش بۇرچى مىنىستىر دەرىجىلىكلەر كېڭىشى 7-ماي بېيجىڭدا ئېچىلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەت ئەۋەتىپ، يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گاۋلى ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پاكىز ئېنېرگىيەنى تەرەققىي قىلدۇرۇش-ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاش، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم ۋەزىپە. بۇ قېتىم ئېچىلغان ئىككى مۇھىم يىغىن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ پاكىز ئېنېرگىيە تېخنىكىسىنى ئېچىش ۋە پايدىلىنىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى، يەر شارىنىڭ پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئېنېرگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا بولغان ئاكتىپلىقىنى گەۋدىلەندۈردى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بايلىقنى تېجەش ۋە مۇھىت ئاسراشتەك تۈپ دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدۇ، يېڭىلىق يارىتىدىغان، تەڭكەش، يېشىل، ئېچىۋېتىلگەن، ھەمبەھىرلىنىدىغان تەرەققىيات ئېڭىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پاكىز ئېنېرگىيەنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېشىل تەرەققىيات ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئاسمىنى كۆك، زېمىنى يېشىل، سۈيى پاكىز بولغان گۈزەل جۇڭگونى تىرىشىپ قۇرۇپ، ئىنسانلار بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. يىغىننىڭ پاكىز ئېنېرگىيەنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش جەھەتتىكى تونۇش ۋە تەجرىبىلەردىن ھەمبەھىرلىنىپ، يەر شارىنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق، ئايلانما، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىغا بىرلىكتە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  جاڭ گاۋلى ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030-يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسى» ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش «پارىژ كېلىشىمى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، يەر شارىنىڭ ئېنېرگىيەنى تەرتىپكە سېلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە بىرلىكتە تۈرتكە بولۇپ، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بولۇپمۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ۋە خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈشنى خالايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر