باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى كېلەر ئايدا ھەممە جايدا ئالغىلى بولۇشى مۇمكىن

2017.06.08 15:51         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىگىلىنىشىچە، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى مەملىكەتلىك تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى باشقا جايغا يۆتكەپ داۋاملاشتۇرۇش سەھنە قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرگەن، 6-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، ئىگىسى نەگە بارسا شۇ يەردە ھېسابقا كىرىش، پۇل ھېساباتقا ئەگىشىپ مېڭىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن.

  تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى، مەركىزىي بانكا، مالىيە مىنىستىرلىقى يېقىندا بىرلىشىپ ئېلان قىلغان «مەملىكەتلىك تۇرالغۇ جامائەت فوندى 2016-يىللىق دوكلاتى»دىن ئايان بولۇشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى ئىشلىتىش ئۈنۈمى زور دەرىجىدە ئۆسكەن. 2016-يىلى ئېلىنغان تۇرالغۇ جامائەت فوندى بىر تىرىليون 162 مىليارد 688 مىليون يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %5.82 ئاشقان، ئېلىش نىسبىتى %70.2 كە يەتكەن.

  نۆۋەتتە شاڭخەي، نەنجىڭ، داليەن، شيامېن، چاڭشا، جياشىڭ قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نەچچە ئون شەھەر ئۇلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئىشلەپ بولدى. ئىگىلىنىشىچە، سەھنە ئارقىلىق باشقا جايغا يۆتكەپ داۋاملاشتۇرۇش كەسپىنى بېجىرىپ، شەھەرلەر ئوتتۇرىسىدا يۆتكەپ داۋاملاشتۇرۇشنى بىرلا ئورۇندا بېجىرگىلى بولىدىكەن.

  ئالاقىدار مەسئۇل كىشى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇرۇن تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى ئالىدىغان ئادەم سىرتلارغا چېپىپ، ئايرىم بېجىرىشكە توغرا كېلەتتى. ھازىر بۇ سەھنە ئارقىلىق، باشقا جايدىن يۆتكەپ كېلىنگەن تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدا ئىلتىماس قىلىپ بېجىرسىلا بولىدۇ، سىستېمىمىزدا ئۆزلۈكىدىن يۆتكىلىدۇ، سىزنىڭ ئىككى تەرەپكە چېپىپ يۈرۈشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق.

  تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى باشقا جايغا يۆتكەپ داۋاملاشتۇرۇش كەسپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ تۇرالغۇ جامائەت فوندى ھېساباتىنى باشقا جايغا يۆتكەش جەريانىدىكى ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقى، مەبلەغنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش-ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى تاپشۇرۇش، ساقلاشنىڭ يىل چېكىنى داۋاملىق ھېسابلاپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ساقلانغان تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى باشقا جايدا ئىشلىتىشىنى قوللاپ، بۇ ئارقىلىق ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈشكە پايدىلىق. بۇ سەھنىنى تۇتاشتۇرغان شيامېننىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: بىز بۇ سەھنىنى قۇرۇغاندىن كېيىن، تۇرالغۇ جامائەت فوندى مەركىزى بېجىرگۈچىنىڭ ھېسابات نومۇرى بىلەن تەمىنلەيدۇ، بېجىرگۈچى ھېسابات نومۇرىنى ئۆزى تەمىنلىمەيدۇ، بۇنداق بولغاندا، ئالداپ ئېلىۋېلىش خەتىرىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر