باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىدىكى ئۈچ يىللىق ھەقسىز قوش تىل مائارىپىنىڭ يېزىلارنى تولۇق قاپلىشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى

2017.06.08 15:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل 5- ئاينىڭ ئاخىرغىچە، شىنجاڭدىكى يېزىلاردا ئوقۇش يېشىغا توشمىغان 1 مىليون 53 مىڭ 700 نەپەر بالا يەسلىگە كىرىپ قوش تىل مائارىپىنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن، يېزىلاردا ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىدىكى ئۈچ يىللىق ھەقسىز قوش تىل مائارىپىنىڭ يېزىلارنى تولۇق قاپلىشى ئىشقا ئاشۇرۇلغان.

  بۇ يىل، شىنجاڭدا «يېشىل يول» ئېچىلىپ، شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا يېڭىدىن سېلىنغان ۋە كېڭەيتىلىپ سېلىنغان يېزا قوش تىل يەسلىلىرى 4387غا يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، جەنۇبىي شىنجاڭدا 3223 يەسلى سېلىنغان، ئىش باشلاش نىسبىتى % 100كە يەتكەن. يېزىلاردىكى قوش تىل يەسلىلىرىنى يېڭىدىن سېلىش ۋە كېڭەيتىپ سېلىش ئىشلىرى تاماملىنىشتىن بۇرۇن، شىنجاڭدا يېڭىدىن جىددىي كۆپەيتىلگەن قوش تىل يەسلىسى 5453كە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۆت ۋىلايەت ۋە ئوبلاستتا بۇ خىل يەسلىلەردىن 3734ى بار ئىكەن.

  جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۆت ۋىلايەت ۋە ئوبلاست، يېزىلاردىكى ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار ئۈچ يىللىق ھەقسىز قوش تىل مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىدىكى مۇھىمنىڭ مۇھىمى ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، شىنجاڭدا تۇنجى تۈركۈمدىكى 3000 نەپەر پارتىيە ئەزاسى ۋە كادىرلار جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تۆت ۋىلايەت ۋە ئوبلاستىغا تاللاپ ئەۋەتىلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، شىنجاڭ بۇ يىل جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ يېڭىدىن قوبۇل قىلغان مەمۇرلارنىڭ ئىچىدىكى سىياسىي- قانۇن ساھەسىدە ئىشلەيدىغان مەخسۇس ئىشتاتتىكىلەر، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى يېزا-بازارلاردا ئىشلەيدىغان مەمۇرلار ۋە تاللاپ ئىشلەتكەن ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار دېگەندەك مەمۇرلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، قالغان مەمۇرلارنىڭ ھەممىسى سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتى جەريانىدا جەنۇبىي شىنجاڭغا بېرىپ ئاساسىي قاتلام مائارىپىغا بىر يىل ياردەم بېرىدىكەن.

  ئۇنىڭدىن باشقا، 2016- يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن قوبۇل قىلىنغان 81 مىڭ 900 نەپەر قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئاساسىدا، بۇ يىلدا شىنجاڭ يەنە پۈتۈن مەملىكەتكە يۈزلىنىپ ئاشكارا ھالدا 23 مىڭ نەپەر قوش تىل ئوقۇتقۇچىسى قوبۇل قىلىپ، يېزىلارنىڭ ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار قوش تىل مائارىپىنىڭ «يۇمشاق ۋە قاتتىق دېتال»لىرىنى تولۇق سەپلەيدىكەن. ئادەم قوبۇل قىلىشتا، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۆت ۋىلايەت ۋە ئوبلاستنىڭ، ھەمدە قوش تىل مائارىپى ئوقۇتقۇچىسى كەمچىل بولغان، مائارىپ سۈپىتى تۆۋەن بولغان ئاساسىي قاتلامدىكى يېزا ۋە رايونلارغا نۇقتىلىق كاپالەتلىك قىلىپ، ئىگىلەش نىسبىتىنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %65 ۋە %70كە يەتكۈزىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر