باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىز ئامېرىكىنىڭ شياڭگاڭغا ئالاقىدار ھۆججەتلىرىگە ئىنكاس قايتۇردى

2017.06.09 15:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8-سىنتەبېر، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ ئامېرىكىنىڭ شياڭگاڭغا ئالاقىدار ھۆججەت ئېلان قىلغانلىقى ھەققىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شياڭگاڭنىڭ ئىشلىرى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى، ئامېرىكا تەرەپ شياڭگاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەردە سۆز، ھەركىتىگە دىھقەت قىلىشى كېرەك.

  شۇ كۈندىكى مۇخبىرلار يىغىنىدا بىر مۇخبىر: «ئامېرىكا گوۋۇيۈەنى ئالدىنقى كۈنى «شياڭگاڭنىڭ مۇھىم ئەھۋالىدىن ئومۇمىي بايان» ناملىق شياڭگاڭغا چېتىشلىق ھۆججەتنى ئېلان قىلدى، جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟» دەپ سورىدى.

  خۇا چۇنيىڭ مۇنداق دېدى: شياڭگاڭ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەندىن بۇيان، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» ۋە نېگىزلىك قانۇن ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇلدى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، شياڭگاڭ ئاھالىلىرى قانۇن بويىچە تولۇق ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكتىن بەھرىمەن بولدى. بۇ، ھەرقانداق ئوبيېكتىپ ۋە بىر تەرەپلىمە بولمىغان كىشىلەر ئىنكار قىلالمايدىغان پاكىت. جۇڭگو ھۆكۈمىتى «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»، «شياڭگاڭنى شياڭگاڭلىقلار ئىدارە قىلىش» يۈكسەك ئاپتونومىيە فاڭجېنىنى يولغا قويۇش ئىرادىسىدىن قەتئىي تەۋرەنمەيدۇ، ئۆزگەرمەيدۇ.

  خۇا چۇنيىڭ: «مەن مۇنۇلارنى تەكىتلەيمەنكى، شياڭگاڭ جۇڭگونىڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى، شياڭگاڭنىڭ ئىشلىرى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا تەۋە، ھەرقانداق چەت دۆلەتنىڭ ئارىلىشىش ھوقۇقى يوق. ئامېرىكا تەرەپ شياڭگاڭغا ئالاقىدار ھۆججەت ئېلان قىلىپ، شياڭگاڭنىڭ ئىشلىرىغا قارىتا قالايمىقان گەپ قىلدى، بۇنىڭغا بىز قاتتىق نارازى ۋە قەتئىي قارشى تۇرىمىز، ئامېرىكىنىڭ شياڭگاڭ مەسىلىسىدە سۆز، ھەركىتىگە دىققەت قىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز»، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر