باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ نەزەربايېۋ بىلەن بىرلىكتە ئاستانە مەخسۇس دۇنيا يەرمەنكىسى جۇڭگو دۆلەت سارىيىنى ئىكىسكۇرسىيە قىلدى ھەم جۇڭگو قازاقىستان ياۋروپا- ئاسىيا چېگرا ھالقىغان تىرانسىپورتى سىن كۆرۈنۈشىنى بىۋاستە كۆرسىتىش مۇراسىمىغا قاتناشتى

2017.06.09 16:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قازاقىستاندا زىيارەتتە بولۇۋاتقان دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ قازاقىستان زۇڭتۇڭى نەزەربايېۋنىڭ ھەمراھلىقىدا،ئاستانە مەخسۇس دۇنيا يەرمەنكىسى جۇڭگو دۆلەت سارىيىنى ئىكىسكۇرسىيە قىلدى ھەم جۇڭگو قازاقىستان ياۋروپا- ئاسىيا چېگرا ھالقىغان تىرانسىپورتى سىن كۆرۈنۈشىنى بىۋاستە كۆرسىتىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  شى جىنپىڭ بىلەن نەزەربايېۋ جۇڭگو دۆلەت سارىيى زالىغا كەلگەندە، جۇڭگولۇق ھەر مىللەت ئارتىستلار مىھمان كۈتۈۋېلىش ناخشا- ئۇسسۇلى«ناخشا ساداسى ۋە تەبەسسۇم»نى ئويناپ، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنى قىزغىن قارشى ئالدى.

  شى جىنپىڭ بىلەن نەزەربايېۋ جۇڭگو دۆلەت سارىيىغا كىرىپ، «<بىر بەلباغ بىر يول> داغدام يولىدا سەپەر» فىلىمىدىن ئارىيە كۆردى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئېنېرگىيە كارىدورى كۆرگەزمە رايونى،«ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئېنېرگىيەنىڭ بىركۈنى» كۆرگەزمە رايونى، كەلگۈسى ئېنېرگىيە ئۈمىد تىياتىرخانىسى، دۇنياۋى بۇرچ ۋە ھەمراھ كۆرگەزمە رايونىنى ئىكىسكۇرسىيە قىلدى. «ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئېنېرگىيەنىڭ بىر كۈنى»كۆرگەزمە رايونىدا، شى جىنپىڭ نەزەربايېۋنى ئوقسىمان پويىزنى تەقلىدى ھەيدەشكە تەكلىپ قىلدى. ئىكىسكۇرسىيە جەريانىدا، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئىكىسكۇرسىيە قىلغاچ پىكىر ئالماشتۇردى.

  ئاستانە مەخسۇس دۇنيا يەرمەنكىسى «كەلگۈسىدىكى ئېنېرگىيە»نى باش تېما قىلغان تۇنجى قېتىم ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلىتى ئۆتكۈزگەن مەخسۇس دۇنيا يەرمەنكىسى. بۇ نۆۋەتلىك مەخسۇس دۇنيا يەرمەنكىسىگە قاتناشقان 100 نەچچە دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلات ئىچىدە، جۇڭگو دۆلەت سارىيىنى قۇرۇشقا ئەڭ بۇرۇن تۇتۇش قىلغان. «كەلگۈسى ئېنېرگىيە، يېشىل يىپەك يولى»جۇڭگو دۆلەت سارىيى بېكىتكەن باش تېما بولۇپ، بۇنىڭدا خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىللە جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى ئېنېرگىيە تىپىنى ئۆزگەرتىش، يېڭى ئېنېرگىيە ئېچىش، مۇھىت قوغداش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات جەھەتتىكى ئىدىيە ۋە ئۇسۇلىدىن تەڭ بەھرلىنىش مەقسەت قىلىنغان.

  ئاخىرىدا جۇڭگو- قازاقىستان ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو دۆلەت سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو قازاقىستان ياۋروپا- ئاسىيا چېگرا ھالقىغان تىرانسىپورتى سىن كۈرۈنۈشىنى بىۋاستە كۆرسىتىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر