باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«شى جىنپىڭ ئېيتقان ھېكايىلەر» نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

2017.06.09 15:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «خەلق گېزىتى» تەشكىللەپ تۈزگەن «شى جىنپىڭ ئېيتقان ھېكايىلەر» ناملىق كىتاب يېقىندا خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى. بۇ كىتابتا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نەچچە يۈز پارچە سۆزى ۋە ماقالىلىرىدىكى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى تەپەككۇرى، يېڭى ئىستراتېگىيەسى گەۋدىلەندۈرۈلىدىغان 100 پارچىدىن ئارتۇق ھېكايىلەر تاللاپ كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، مۇكەممەل نامايەن قىلىنغان ۋە چۈشەندۈرۈلگەن.

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى ۋە ماقالىلىرىدە دائىم ھېكايە ئېيتىش ئۇسۇلى بىلەن چوڭقۇر مەنىلەر يەتكۈزۈلۈپ، كىشىلەرنى تەسىرلەندۈرىدۇ، چوڭقۇر ئوي-پىكىر، ئابستراكت نەزەرىيەلەر تىرىك ھېكايىلەر، ئەمەلىي مىساللارغا ئايلاندۇرۇلۇپ، كىشىلەر قەلبىگە بىۋاسىتە تەسىر قىلىدىغان كۈچ ھاسىل قىلىدۇ. بۇ ھېكايىلەرگە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىچكى ئىشلار، دىپلوماتىيە، دۆلەت مۇداپىئەسى، پارتىيە، دۆلەت ۋە ئارمىيەنى ئىدارە قىلىشقا بولغان چوڭقۇر مۇلاھىزىلىرى پۈتۈلگەن بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئەقىل-پاراسىتى چوڭقۇر يوشۇرۇنۇپ، جۇڭگو يولى نامايان قىلىنغان.

  «شى جىنپىڭ ئېيتقان ھېكايىلەر» ناملىق كىتابقا جەمئىي 109 پارچە ھېكايە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، دۆلەت ئىچى قىسمى ۋە چەت ئەل قىسمىدىن ئىبارەت ئىككى قىسىمغا بۆلۈنگەن. ئىچكى قىسىم پاكلىق، خىسلەت، رىغبەت، ئىدارە قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ چەت ئەل قىسمىدا خەلقلەر دوستلۇقى، دۆلەتلەر ئالاقىسى، مەدەنىيەتلەر يۈرۈشۈشى، تارىخىي ھېسسىيات قاتارلىقلارغا ئەھمىيەت بېرىلگەن. ھەر بىر ھېكايىدە ئەسلىي ماقالە نەقىل كەلتۈرۈلگەندىن باشقا، يەنە «كېڭەيتىلگەن ئوقۇشلۇق» قوشۇمچە قىلىنغان بولۇپ، مول ھېكايە تەپسىلاتى ئارقىلىق ھېكايىلەرنىڭ تىل مۇھىتى نامايان قىلىنىپ، ھېكايىدىكى ئىسلاھات-تەرەققىيات يولى، چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسى يولى، ئۆزىنى تەربىيەلەش تەدبىرلىرى ئوقۇرمەنلەرگە تېخىمۇ ياخشى ھېس قىلىش تۇيغۇسى بېرىدۇ.

  «شى جىنپىڭ ئېيتقان ھېكايىلەر» چۈشىنىشلىك، سۆزلىرى ئاددىي، مەنىسىي چوڭقۇر بولۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈشتىكى ئاممىباب ئوقۇشلۇق، جانلىق ماتېرىيال بولالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر