باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى

2017.06.09 16:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 8- ئىيۇن ئاستانەدە رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېقىندا پۇتىن زۇڭتۇڭ بىلەن «بىر بەلباغ بىر يول»خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى مەزگىلىدە كۆرۈشۈپ، جۇڭگو- رۇسىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستىراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەدە راۋاجلىنىشىنى ساقلاپ، ئىككى دۆلەتنىڭ كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش جەھەتتە مۇھىم تونۇش ھاسىل قىلدۇق. نۆۋەتتىكى مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان خەلقئارا ۋەزىيەتتە، جۇڭگو- رۇسىيە مۇناسىۋىتى ياخشى راۋاجلىنىۋاتىدۇ، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشى دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىدا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئىككى تەرەپ ئۆزئارا يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە ئۆزئارا قوللاپ، «بىر بەلباغ بىر يول»قورۇلۇشىنىڭ ياۋروپا- ئاسىيا ئىقتىساد ئىتتىپاقى بىلەن تۇتاشتۇرۇلۇپ تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەتىجە يارىتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئادىمىيەت ئالاقىسى ۋە ئەلرايىنىڭ قوشۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا زىچ ماسلاشتۇرۇشى ۋە ماسلىشىشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر