باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يىلتىزىمنى ئۇنتۇماي، ياخشىلىقنى ئېسىمدە تۇتۇپ، قەسىمىمنى ئەمەلىيىتىمدە كۆرسىتىمەن بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ «ئۈچ خىل كۈچ»كە زەربە بېرىمەن

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى تۇرغۇن رېھىم

2017.06.09 14:50         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن يازغان «ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا خىتاب» قىرغىزلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ «ئۈچ خىل كۈچ»كە قەتئىي زەربە بېرىشتىكى ئورتاق ئىرادىسى ۋە مۇقىملىقنى قوغداشتىكى مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئىپادىلىدى.

  يىلتىزىمىزنى ئۇنتۇمايمىز. قىرغىزلار جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى، ۋەتەن قوينىدا بۈگۈنگىچە ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ياشاپ كەلگەن. ئەجدادلىرىمىز ۋە ھەر مىللەت قېرىنداشلارنىڭ ئەجدادلىرى ئۆزئارا كەڭ قورساق بولۇپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، بەخت- سائادەتتىمۇ، جەبىر- جاپادىمۇ بىللە بولۇپ، چېگرا رايوننىڭ مۇقىملىقى، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا تېگىشلىك تۆھپە قوشقان. قىرغىزلار ئەجدادلارغا ھۆرمەت قىلىش، ۋەتەننى سۆيۈش، چېگرانى قوغداش، ئىتتىپاقلىقنى، مىننەتدارلىقنى قەدىرلەش، تىنچلىقنى سۆيۈش ئەنئەنىسىگە ئىگە. ھەر بىرىمىز شۇنى جەزمەن بىلىشىمىز كېرەككى، يىلتىزىمىز جۇڭگودا، ۋەتىنىمىز دەل جۇڭگو، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ئورتاق مەسئۇلىيىتىمىز. يىلتىزىمىزنى ئۇنتۇماي، چوڭ ھەق- چوڭ ناھەق مەسىلىسىنى ئېنىق پەرق ئېتىپ، يالغان سۆزلەرگە ئالدانماي، ئەجدادلىرىمىزنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش، ئىتتىپاق ئۆتۈش، چېگرانى قوغداش، چېگرانى ساقلاش ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، پۇقرالىق مەسئۇلىيىتىمىزنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، مىللەتلەر بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، دۈشمەنگە ئورتاق زەربە بېرىپ، گۈزەل يۇرت- ماكانىمىزنى قوغدىساق ۋە قۇرساق، ئاندىن ئەجدادلىرىمىزغا، ۋەتىنىمىزگە يۈز كېلەلەيمىز.

  پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى ئېسىمىزدە چىڭ تۇتىمىز. مەن قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ يېزىسىدىكى دېھقان پارتىيە ئەزاسى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. دادام كونا جەمئىيەتتە تۇغۇلغان بولۇپ، ئالۋاڭ- ياساق تۆلەپ، زۇلۇمغا ئۇچراپ، جاپالىق كۈن كەچۈرگەن. ئازادلىقتىن كېيىن، دادام شەرەپ بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرىپ، كىچىك ئەترەتنىڭ ئىش خاتىرىلىگۈچىسى، چوڭ ئەترەتنىڭ ئاشلىق ئامبىرى باشقۇرغۇچىسى، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولۇپ، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ شۇ چاغدىكى «ئۈچ پېشقەدەم»لەرنىڭ سىياسەت ۋە تەمىناتلىرىدىن بەھرىمەن بولغان. دادام دائىم مېنى ئاگاھلاندۇرۇپ: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئۇلۇغ پارتىيە، ئۇ بىزنىڭ شەپقەتچىمىز، بىزنى ئۆز ئىشىمىزغا ئۆزىمىز خوجا بولۇپ، يېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈشىمىزگە يېتەكلىدى. سەن پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى ئېسىڭدە چىڭ تۇتۇپ، ياخشى ئوقۇپ، بىلىملىك ئادەم بولغىن، ئىدىيە جەھەتتە ئالغا ئىلگىرىلەپ، كەلگۈسىدە پارتىيەگە كىرىپ، ھەققانىيەتتە چىڭ تۇرىدىغان سەمىمىي ئادەم بولغىن، دەپ تەربىيە بېرەتتى. شۇڭا كىچىكىمدىن پارتىيەگە چوڭقۇر مۇھەببەت باغلىدىم، ئالىي مەكتەپتە پارتىيەگە كىردىم؛ شەھەر- يېزا تۇرمۇشىنىڭ ئۆتمۈشى بىلەن ھازىرىنى باغلاپ تەسەۋۋۇر قىلدىم، پارتىيەنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە ئائىلىمىزنىڭ تۇرمۇشى جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭدىكى قىرغىزلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر مىللەت قېرىنداشلارنىڭ تۇرمۇشىغا ئوخشاش يىلدىن- يىلغا ياخشى بولۇۋاتىدۇ، بىزمۇ بېيىدۇق، سوتسىيالىزمنىڭ شېرىن مېۋىلىرىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتىمىز. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بىر قاتار يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كۈچىنى توپلاپ شىنجاڭغا ياردەم بېرىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىزگە غايەت زور تەرەققىيات پۇرسىتى يارىتىپ بەردى. مۇشۇنداق گۈزەل مەنزىل ئالدىدا، بىز قىرغىزلار پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپلا قالماي، يەنە پۇقرالىق مەجبۇرىيىتىمىزنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇشىمىز كېرەك.

  «ئۈچ خىل كۈچ» يەنە جاھىللىق بىلەن جان تالىشىپ، داۋاملىق ئەسكىلىك قىلماقتا. ئۇلارنىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قەبىھ زوراۋانلىق قىلمىشىغا قاتتىق غەزەپلەندىم. مەن قىرغىزلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر مىللەت كادىرلارنى ئاڭلىق ئويغىنىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ يامان غەرىزىنى ئېنىق تونۇشقا مۇراجىئەت قىلىمەن. ئىتتىپاقلىق − ماياك، ئۇ كۆز ئالدىمىزنى يورۇتۇپ تۇرىدۇ؛ ئىتتىپاقلىق − مەشئەل، ئۇ بىزدىكى مېھرىبانلىقنى يالقۇنجىتىدۇ؛ ئىتتىپاقلىق − قىلىچ، ئۇ بۆلگۈنچىلەرنىڭ ئىبلىس چاڭگىلىنى چېپىپ تاشلايدۇ؛ ئىتتىپاقلىق − كۈچ، ئۇ «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى چوقۇم يىلتىزىدىن قۇرۇتۇپ، تەلتۆكۈس يوقىتىدۇ.

  مەن پارتىيەگە كىرىش قەسىمىمنى باشتىن- ئاخىر ئېسىمدە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇپ، «ياخشى كادىر» ئۆلچىمىنى قەتئىي ئىجرا قىلىپ، «تۆت ئاڭ»نى ئۆز ئىدىيە ئاڭلىقلىقىم، پارتىيەۋىلىك قارىشىم، ئىنتىزام تەلىپىم ۋە ئەمەلىي ھەرىكىتىمگە ئايلاندۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن- ئاخىر يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، ھەممە ئىشتا پارتىيەنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇپ، ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا پارتىيەۋىلىك ساداسى، سادىقلىق ساداسىنى ياڭرىتىمەن؛ «بەش قاراش»، «بەشنى تونۇش»، «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى كۈچەيتىپ، «ئۈچ ئالاھىدە» سىياسىي ئۆلچەمنى ئەمەلىيەتتە قەتئىي كۆرسىتىپ، بۆلگۈنچىلىككە، ئەسەبىيلىككە، سىڭىپ كىرىشكە قارشى تۇرۇش ھەققانىيەت ساداسىنى ياڭرىتىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق باش نىشان ئاساسىنى مۇستەھكەملەيمەن؛ كۆزىتىش ئۆتكۈر خەنجىرىنى چىڭ تۇتۇپ، سىياسىي جەھەتتىكى كۆزىتىشنى ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە ئىنتىزامى، مەمۇرىي ئىنتىزام ساداسىنى ياڭرىتىپ، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن؛ ئائىلەمدىكىلەرنى ياخشى تەربىيەلەپ ۋە باشقۇرۇپ، ئۇلارنى مۇھەببەت- نەپرىتىنى ئېنىق قىلىپ، يۇرتداشلار ئارىسىدا باشلامچىلىق رول ئويناشقا يېتەكلەيمەن؛ سۆز- ھەرىكىتىم ئارقىلىق تەسىر كۆرسىتىپ، ئەتراپىمدىكى ئاممىنى يېتەكلەپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە زەربە بېرىش كۈرىشىگە ئورتاق ئاتلىنىپ، باش نىشانغا يېتىش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمەن.

  شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە مىللەتلەر ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشساقلا، ھېچكىم بىزنىڭ گۈزەل تۇرمۇشىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلالمايدۇ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ، بىزنىڭ ئەتىمىز چوقۇم تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر