باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يىپەك يولىدىكى خەلقئارا ئامبۇلاتورىيە ھېكايىسى

2017.06.09 15:00         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا يېقىن ئاق رەڭلىك كىچىك بىنانىڭ ئىچىدە ئارام بەخش مۇزىكا ساداسى ياڭراپ تۇراتتى، گۈللەر ۋە كىتابلار كىشىگە ئارام بەخىش ئاتا قىلسا، قەھۋە پۇرىقى كىشىنى مەپتۇن قىلاتتى، سېرىق چاچلىق ئىككى چەتئەللىك تۆۋەن ئاۋازدا سۆھبەتلىشىۋاتاتتى، ئۆي ئىچىگە داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى قويۇلمىغان بولسا، بۇ يەرنىڭ دوختۇرخانا ئىكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايتتى.

  شىنجاڭدا ئوقۇۋاتقىنىغا بەش يىل بولغان سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ئىمەد چىشىنى زاماسكىلىتىۋاتاتتى، بىر كۈنى ئۇ بوغۇزى ئاغرىپ شۇ يەردىكى دوختۇرخانىغا باردى، ئەرەبچە، ئىنگلىزچە سۆزلىسىمۇ دوختۇر ئۇنىڭ سۆزىنى ئۇقالمىدى. ئۇ بۇنىڭدىن ئۈچ يىل ئىلگىرى بۇ خەلقئارا داۋالاش ئورنىنى تېپىپ غەمدىن خالاس بولدى.

  كورېيەلىك چىش دوختۇرى لى يىرەن كورېيە چوسۇن ئۇنىۋېرسىتېتى ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرى كەسپىنى پۈتتۈرۈپ، 2011-يىلى شىنجاڭغا كېلىپ، ئامېرىكىلىق سىنگاپورلۇق دوختۇرلار بىلەن چەتئەللىكلەرنىڭ كېسىلىنى كۆردى، بۇ كىچىككىنچە خەلقئارا ئامبۇلاتورىيە بىر يىلدا 700 دىن كۆپرەك بىمارنى داۋالىدى.

  جۇڭگونىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش قەدىمىنىڭ تېزلىشىگە ئەگىشىپ، بارغانسېرى كۆپلىگەن ھەمكارلىق تۈرلىرى غەربىي چېگرا رايونىدا ئەمەلىيلەشتى. بۇ داۋالاش ئورنى بىلەن بولغان ئارىلىقى 10 نەچچە كىلومېتىر كېلىدىغان ئۈرۈمچى ئىقتىساد تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدىكى شاڭخەي ئاۋام شىنجاڭ چەكلىك شىركىتىدىكى ئون نەچچە گېرمانىيىلىك ئىشچى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ ساغلاملىقىغا بۇ خەلقئارا ئامبۇلاتورىيە مەسئۇل بولدى.

  كىچىككىنچە خەلقئارا ئامبۇلاتورىيە خۇددى بىر چوڭ ئائىلىگە ئوخشايدۇ، كۆپچىلىك روژدېستۋا بايرىمى، مىننەتدارلىق بايرىمى ھەمدە چاغان ۋە تاڭزۇڭزا بايرىمىنى بىرلىكتە ئۆتكۈزىدۇ. ھەر يىلى قۇربان ھېيت يېتىپ كەلگەندە بۇ ئامبۇلاتورىيەدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئىشچى خىزمەتچىلىرى كۆپچىلىكنى ئۆيلىرىنى پەتىلەشكە تەكلىپ قىلىپ، ھېيت بايرامنى بىرلىكتە ئۆتكۈزىدۇ.

  بىر بەلباغ بىر يول تەشەببۇسىنىڭ داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ئۈرۈمچىدە خەلقئارا داۋالاش مۇلازىمىتى قىلىدىغان دوختۇرخانىلار 30 غا يەتتى، ئون نەچچە دوختۇرخانا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى 20 نەچچە دوختۇرخانا بىلەن چېگرا ھالقىپ يىراقتىن داۋالاش ھەمكارلىق يولى ئاچتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر