باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

قوراللىق ساقچى قىسىم قۇدرەتلىك كۈچ سىستېمىسى بەرپا قىلدى

2017.06.09 15:00         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، قوراللىق ساقچى قىسىم باشتىن ئاخىر رەئىس شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنىدىغان، ئۇرۇشتا غەلىبە قىلالايدىغان، ئىستىلى ياخشى زامانىۋىلاشقان قوراللىق ساقچى قىسمى قۇرۇش سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ تۇتۇپ، كۆپ ئىقتىدارى بىر گەۋدىلەشكەن، مۇقىملىقنى ئۈنۈملۈك ساقلايدىغان كۈچلۈك كۈچ سىستېمىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، قىسىمنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈش، بېيجىڭ ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلار يىغىنى، خاڭجۇ 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ساقلاش ھەمدە تيەنجىن پورتى پارتلاش ۋەقەسى، شېنجېن گۇاڭمىڭ يېڭى رايونىدىكى گۆمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسى قاتارلىقلاردىكى قۇتقۇزۇش ۋەزىپىسىنى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشتىكى ئۇل تاشقا ئايلاندى.

  قوراللىق ساقچى قىسىم ھەر كۈنى ۋەزىپە ئىجرا قىلىپ، تاسادىپىي ۋەقەلەرنى دائىم بىر تەرەپ قىلىپ، ھەر ۋاقىت تېررورلۇققا قارىشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى دائىم قوغدىدى، ھەر كۈنى نەچچە ئون مىڭ ئوفىتسېر ئەسكەر 30 مىڭدىن ئارتۇق ئوخشاش بولمىغان ئورۇندا كۈرەش قىلدى. قوراللىق ساقچى قىسىم پارتكومى باشتىن ئاخىر قەتئىي توغرىلىپ ئەگىشىپ مېڭىش، مۇتلەق سادىق بولۇشنى باش سىياسىي ۋەزىپە قىلدى، ھەر يىلى كورپۇس، دىۋىزىيە دەرىجىلىك رەھبىرى كادىرلار نەزەرىيە كۇرسى ئۇيۇشتۇرۇپ، يادرونى قوغداشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش، قوماندانلىققا بويسۇنۇش ئاساسىي تېمىلىق تەربىيە ۋە ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش ئۆگىنىش تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇپ ۋە تۈزۈملەشتۈرۈپ، گو بوشيۇڭ، شۈ سەيخۇلارنىڭ زەھەرلىك تەسىرىنى ئۈزۈل كېسىل تۈگىتىپ، قىزىل گىننى ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد قالدۇرۇش قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇرۇپ، سادىق قوغدىغۇچىلار مەدەنىيەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئوفىتسېر ئەسكەرلەرنىڭ سادىقلىق ئېڭى ۋە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر