باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ «دۇنيا باش ئىجرائىيە ئەمەلدارلىرى كومىتېتى» نىڭ 5-نۆۋەتلىك يۇمىلاق ئۈستەل باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقىلى كەلگەن ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشتى ھەم سۆھبەتلەشتى

2017.06.09 16:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ 7-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا «دۇنيا باش ئىجرائىيە ئەمەلدارلىرى كومىتېتى» نىڭ 5-نۆۋەتلىك يۇمىلاق ئۈستەل باشلىقلار يىغىنىغا قاتنشىش ئۈچۈن ئېلىمىزگە كەلگەن دۆلەت ھالقىغان كارخانا مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشتى ھەم ئۇلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ پىكىر ئالماشتۇردى.

  DOW شىركىتى، خونېيۋېل، BHP شىركىتى، كۇئالكوم شىركىتى قاتارلىق دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانىنىڭ 20 گە يېقىن مەسئۇلى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىسلاھاتى، سودىنى قولايلاشتۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشى قاتارلىق قارالمىلارنى چۆرىدەپ بىر-بىرلەپ سۆز قىلىپ، بازار ئىجازىتىنى كېڭەيتىش، سودا-تىجارەت شارائىتىنى قولايلاشتۇرۇش، تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى تىلەكلىرىنى بىلدۈردى. لى كېچياڭ ئۇلار بىلەن چوڭقۇر مۇناسىۋەت ئورناتتى.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىقتىسادنىڭ يەر شارىلىشىشى، سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنىڭ ئەركىنلىشىشىنى قولايلاشتۇرۇش-ئادىل رىقابەتلىشىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش، ئىجادچانلىقنى ئىلگىرى سۈردى، بۇ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەڭپۇڭلىقى، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتقا پايدىلىق بولۇپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىيات يۆنۈلىشىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. جۇڭگو ھەرقايسى دۆلەتلەر، ھەرقايسى ساھەلەر بىلەن بىللە قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلارغا توغرا مۇئامىلە قىلىپ، كۆپ تەرەپلىك پىرىنسىپى ۋە يەر شارىلىشىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دۇنيانى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يەر شارىلىشىشنىڭ تېخىمۇ ئادىل، سىغدۇرۇشچان، ئومۇميۈزلۈك ئېتىبار بېرىش يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

  لى كېچياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، ھوقۇق بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ياخشىلاش قاتارلىق ئىسلاھاتلار ئارقىلىق ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، تەستىق ئىشلىرىنى زور دەرىجىدە قىسقارتىپ، تۈزۈم خاراكتېرلىك سودا تەننەرخىنى تۆۋەنلەتتى ھەم ئىش جەريانىدا ۋە ئىشتىن كېيىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتتى. بىز يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، يېڭى كەسىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىلەردە كەڭ قورساق ۋە ئېھتىياتچان بولۇش شەكلىدىكى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ھەم يېڭى ئېنېرگىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق تېز يېتىلىپ، ھەم خەۋپ-خەتەردىن ئۈنۈملۈك ساقلىنىپ، تېخنىكا، كەسىپ ھالىتى، تەشكىلىي شەكىلدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە ھۆكۈمەت تۈزۈمىدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ ئوتتۇراھال، يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوتتۇراھال، يۇقىرى سەۋىيەگە قەدەم قويدۇق.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر