باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شيامېندا ئېلىپ بېرىلغان مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە قاتناشقۇچىنىڭ ئورنىدا يۈگۈرۈپ ئۆلۈپ كەتكەن كىشىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىش دېلوسى ئۈستىدىن سوت ئېچىلدى

2017.06.09 14:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2016- يىللىق شيامېن خەيساڭ خەلقئارا يېرىم مۇساپىلىك مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە «مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىنىڭ ئورنىدا يۈگۈرگەن كىشى»نىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى مۇسابىقىنى يۈرۈشتۈرگۈچى تەرەپ ۋە مۇسابىقىگە قاتنىشىش نومۇرىنى ئۆتۈنۈپ بەرگۈچى كىشى ئۈستىدىن سوتقا ئەرز قىلغان. فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ شيامېن شەھىرى خەيساڭ رايونى خەلق سوت مەھكىمىسى 7- ئىيۇن بۇ دېلو ئۈستىدىن ئوچۇق سوت ئېچىپ قاراپ چىقتى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، مۇسابىقىسىدە قاتناشقۇچىنىڭ ئورنىدا يۈگۈرۈپ ئۆلۈپ كەتكەن كىشى ۋۇ فامىلىلىك بولۇپ، ئۇ، ئۇنىڭ خىزمەتدىشى ئارقىلىق، يەنى مەزكۇر سوتتىكى دەۋا رەسمىيىتىگە قاتناشتۇرۇلغان يۇ فامىلىلىك ئۇ ۋاسىتىچى 3- كىشى ئارقىلىق، يۇ فامىلىلىك كىشىنىڭ دوستىدىن، يەنى بۇ دېلودىكى جاۋابكار لى فامىلىلىكتىن مۇسابىقىگە قاتنىشىش نومۇر لاتىسى ئالغان. ئەسلىدە، بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئۇ مۇسابىقىنى يۈرگۈزگۈچى تەرەپ ۋۇ فامىلىلىك كىشىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بىلەن كۈتۈلمىگەن ئۆلۈم ۋەقەسىدىن كېيىنكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلغان، ھەمدە مۇسابىقىنى يۈرگۈزگۈچى تەرەپ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا 100 مىڭ يۈەن ئىنسانپەرۋەرلىك خىراجىتى چىقىم قىلىشقا پۈتۈشكەن.

  بۇ خىل خاراكتېردىكى مەزكۇر دېلو بولسا، دۆلەت ئىچىدە يۈز بەرگەن تۇنجى دېلو، يەنى، مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە قاتناشقۇچىنىڭ ئورنىدا يۈگۈرگەن كىشىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىشى ۋە ئۇنىڭغا تۆلەم تەلەپ قىلىش دېلوسى بولغانلىقتىن، بۇ خىل سوتنىڭ ئېچىلىشى ئەمەلىيەتتە دېلو ھۆكۈم قىلغۇچى تەرەپ باشقىلارنى بۇندىن كېيىن بۇ خىل ۋەقەلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى بېكىتكەندە پايدىلىنىشقا بولىدىغان ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىدى. شيامېن شەھىرى خەيساڭ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى مۇۋاپىق كەلگەن ئۈچ نەپەر سوتچىغا يەنە تۆت نەپەر خەلق زاسېداتېللىرىنى قوشۇپ، «چوڭ كېڭەشمە ئەندىزىسى» بويىچە سوت قىلىشنى قارار قىلىپ سوت ئاچتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر