باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمەن، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوغدايمەن

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قاھىرجان نۇرغالى

2017.06.09 14:49         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن يازغان «ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا خىتاب»تا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە، ئۇلۇغ ۋەتەنگە بولغان مىننەتدارلىق ساداسى، دۆلەت ۋە خەلققە بولغان ساداقەتمەنلىك ساداسى، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىش ھەققانىيەت ساداسى ئىپادىلەنگەن، بۇ ھەقتىكى ھېسسىياتىم ئۇنىڭ بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ئۇنى يۈكسەك دەرىجىدە قوللايمەن. مەن چوقۇم يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇننى ئۈلگە قىلىپ، بۆلگۈنچىلىككە، زوراۋانلىققا، تېررورلۇققا، سىڭدۈرمىچىلىككە قارشى كۈرەشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ھالقىلىق پەيتتە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، خەتەرلىك پەيتتە پىداكارلىق كۆرسىتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشتىكى سادىق ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچى ۋە كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرگۈچىلەردىن بولىمەن.

  مەن پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ شانلىق نۇرىدا ۋە پارتىيە تەشكىلىنىڭ تەربىيەلىشىدە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ئارزۇيۇمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرىپ، قەدەممۇ قەدەم پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر بولدۇم. بۇ جەرياندا مەن پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە تەشكىلنىڭ تەربىيەلىشىدىن ھەر ۋاقىت ئايرىلالمىغانلىقىمنى، پارتىيەنىڭ مېھىر- شەپقىتىدىن ۋە ۋەتەننىڭ ئىللىقلىقىدىن بەھرىمەن بولغانلىقىمنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. مەن جۇڭگولۇق، مېنىڭ ۋەتىنىم جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى، يۇرتۇم شىنجاڭ ئەزەلدىن ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ مۇقەددەس ئايرىلماس قىسمى، مەن يۇرتۇمدا نەچچە ئون يىلدىن بۇيان غايەت زور ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. مەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بولمىغان بولسا، سوتسىيالىستىك شىنجاڭنىڭ بولمايدىغانلىقىنى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنىڭ بولمايدىغانلىقىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتىم، مەن پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى مەڭگۈ ئېسىمدە تۇتۇپ، مەڭگۈ قەدىرلەپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، مەڭگۈ پارتىيەگە سادىق ياخشى ئوغلان بولىمەن!

  مەن ئاز سانلىق مىللەت كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزى ۋە شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە دەپ بىلىپ، «تۆت ئاڭ»نى پۇختا تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى كۈچەيتىپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا ۋە ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغدايمەن. «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى پارتىيەۋىلىكىمنى چېنىقتۇرۇشتىكى ئاساسىي ماھارەت، زۆرۈر دەرسلىك قىلىپ، ئۈلگە كۆرسىتىپ، ياخشى نەمۇنە بولۇپ، «تۆتتە لاياقەتلىك بولۇش» ئۆلچىمىنى باشلامچىلىق بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولۇشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، لاياقەتلىك كومپارتىيە ئەزاسى، لاياقەتلىك رەھبىرىي كادىر بولىمەن.

  مەن بىر ئاز سانلىق مىللەت كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، شىنجاڭ دۇچ كەلگەن «ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كەتكەن» كەسكىن ۋەزىيەتنى، بۆلگۈنچىلىك ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكى، مۇرەككەپلىكى ۋە ئۆتكۈرلىكىنى، بەزىدە، ھەتتا ئىنتايىن كەسكىنلىشىپ كېتىدىغانلىقىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتىم. «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ بۆلگۈنچىلىك، بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى، شىنجاڭنىڭ تىنچلىقى، ئىتتىپاقلىقىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتتى. «ئۈچ خىل كۈچ» ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، بىزنىڭ «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى كۈرىشىمىز ھايات- ماماتلىق سىياسىي كۈرەش. بۇ چوڭ ھەق- چوڭ ناھەق مەسىلىسىدە مەن چوقۇم كاللامنى باشتىن- ئاخىر سەگەك تۇتۇپ، مەيدانىمنى ئىنتايىن قەتئىي، بايرىقىمنى ئىنتايىن روشەن قىلىپ، «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچىلىك»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن! ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى بىپايان زېمىندا ياشاپ، يۇرت- ماكاننى ئورتاق گۈللەندۈرۈپ، ھېچكىم ھېچكىمدىن ئايرىلالمايدىغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى شەكىللەندۈرگەن. مەن چوقۇم «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسى ۋە دۆلەت ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «بەشنى تونۇش»نى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقۇمنى ئاسرىغاندەك ئاسرايمەن، ھاياتىمنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەيمەن. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى دەپ بىلىپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىنى باشلامچىلىق بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشنى ئۆزۈمدىن، كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ، ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولىمەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشتىكى مەسئۇلىيىتىمنىڭ ئېغىرلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. مەن مەسئۇلىيىتىمنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، سىياسىي ئىرادەمنى كۈچەيتىپ ۋە سىياسىي ئېڭىمنى ئۆستۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەينەك، پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسى ۋە پارتىيە ئىنتىزامىنى ئۆلچەم، «تۆت ئاڭ»نى مىزان قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش نىشاننى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە ئىنتىزامىغا، بولۇپمۇ سىياسىي ئىنتىزام، سىياسىي قائىدە ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامىغا خىلاپ قىلمىشلارنى، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ مەسىلىلەرنى ۋە «تۆت خاھىش»، «تۆت كەيپىيات» مەسىلىلىرىنى، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى «ئىككى يۈزلىمىچىلىك»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى كۈچەپ بايقاپ، كۆزىتىش خىزمىتىدە ئۈنۈم ھاسىل قىلىش ئارقىلىق پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشىمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر