باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كونگو (كىنشاسا)نىڭ شەرقىي قىسمىدا كوللېكتىپ تۈرمىدىن قېچىش ۋەقەسى يۈز بەردى

2017.06.12 16:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كونگو (كىنشاسا)نىڭ شەرقىي قىسمىدىكى شىمالىي كىۋۇ ئۆلكىسىدىكى بىر تۈرمە 11-ئىيۇن ھۇجۇمغا ئۇچراپ، 900دىن ئارتۇق مەھبۇس قېچىپ كەتتى. ھۇجۇم قىلغۇچىلار بىلەن بىخەتەرلىك تارماقلىرى ئېتىشىپ ، ئاز دىگەندە 11 ئادەم قازا قىلدى.

  شىمالىي كىۋۇ ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى مۇخبىرغا: بۇ قېتىمقى ۋەقەدە جەمئىي 930 مەھبۇسنىڭ تۈرمىدىن قېچىپ كەتكەنلىكىنى، ئۆلۈپ كەتكەن 11 ئادەم ئىچىدە سەككىز تۈرمە قاراۋۇلى ۋە ئۈچ ھۇجۇم قىلغۇچىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى. ئۇ ھۇجۇم قىلغۇچىلارنىڭ ئېغىر تىپتىكى قوراللارنى ئىشلەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

  كونگو (كىنساشا)دا يېقىنقى بىر ئاي ئىچىدە بىر قانچە قېتىم تۈرمىدىن قېچىش ۋەقەسى يۈز بەردى. 5-ئاينىڭ 17-كۈنى، بىر قوراللىق تەشكىلات كونگو (كىنشاسا) پايتەختى كىنشاسادىكى ماكالا مەركىزىي تۈرمىسىگە ھۇجۇم قىلدى، بۇ تەشكىلاتنىڭ بۇ تۈرمىگە قامالغان كاتتىبېشى ئېنسىمى قاتارلىقلار مۇۋەپپەقىيەتلىك قېچىپ كەتتى. 5-ئاينىڭ 18-كۈنى، كونگو (كىنشاسا)نىڭ ئوتتۇرا كونگو ئۆلكىسىدىكى بىر تۈرمىدىمۇ كوللېكتىپ تۈرمىدىن قېچىش ۋەقەسى يۈز بەردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر