باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋاڭ يى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زىيارەت نەتىجىسىنى تونۇشتۇردى

2017.06.12 16:20         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رەئىس شى جىنپىڭ قازاقىستاندىكى زىيارىتىنى ئاياغلاشتۇرغان مەزگىلدە، دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى مۇخبىرغا بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ يىل 5-ئايدا، ئېلىمىز بىر بەلباغ، بىر يول خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، رەئىس شى جىنپىڭ تۇنجى قېتىم «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى» تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويغان جايغا زىيارەتكە بېرىپ، بىر بەلباغ، بىر يولنىڭ تەسىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتتى شۇنداقلا جۇڭگو-قازاقىستان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە قاراپ راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولدى.

  ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ بىر بەلباغ، بىر يول مۇساپىسى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتىدۇ ھەم يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇۋاتىدۇ. بىز تۆت كونكرېت جەھەتتىكى تۇتاشتۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، قازاقىستاننىڭ ئىجابىي ئىنكاسىغا ئېرىشتۇق.

  بۇ قېتىمقى ئاستانە باشلىقلار يىغىنىدا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغان 16 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئەزا كۆپەيتىلدى. ۋاڭ يى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھىندىستان بىلەن پاكىستاننىڭ قاتنىشىشى-شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەرەققىياتىنىڭ بىر يېڭى باسقۇچقا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. بارغانسېرى كۆپ دۆلەتلەر بۇ تەشكىلاتقا قاتنىشىشنى ئارزۇ قىلماقتا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەسىرى ۋە خەلقئارادىكى ئورنى كۆرۈنەرلىك ئۆستى شۇنداقلا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا ھەر قايسى دۆلەتلەرگىمۇ ئىلھام بولدى. بىز تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ پائالىيەتلىرى ۋە تەرەققىياتى ئارقىلىق، نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان تۈرلۈك دۇنياۋى ۋە رايون خاراكتېرلىك بىر قىسىم خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشىمىز كېرەك.

  رەئىس شى جىنپىڭ بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىياتى ھەققىدە بەش نۇقتىلىق تەكلىپ بەردى ھەم جۇڭگونىڭ رەئىس دۆلەتلىك خىزمىتىنى ئۈستىگە ئېلىش تەسەۋۋۇرىغا بىرلەشتۈرۈپ، سىياسىي، ئىقتىساد، بىخەتەرلىك، ئادىمىيەت، تاشقى ئالاقە، مېخانىزم قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە بىر يۈرۈش مۇھىم تەشەببۇس ۋە تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يىغىنغا قاتناشقان ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشى ۋە قوللىشىغا ئېرىشتى.

  ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: جۇڭگو شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى تەشەببۇس قىلغۇچى دۆلەت، ئۇنىڭ ئۈستىگە جۇڭگونىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشتا يېتەرلىك بايلىقى، ئىقتىدارى ۋە ئارزۇسى بار. بىز بىلەن ھەر قايسى ئەزا دۆلەتلەر، جۈملىدىن يېڭى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىقى ئارقىلىق، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى كۆپەيگەندىن كېيىن، بۇ تەشكىلاتنىڭ تېگىشلىك رولى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، مەن كېلەر يىلى جۇڭگو ئاچىدىغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىنىڭ چوقۇم بىر قېتىملىق تارىخىي، نامايەندىلىك پائالىيەت بولىدىغانلىقىغا تولۇق ئىشىنىمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر