خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە مۇلازىمەت مەركىزىدىن بەشتۈگمەن يېزىسى يۇقارقى لەنگەر كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ئۆيمۇ ئۆي كىرىپ زىيارەت قىلىش، تەشۋىق قىلىش، ئەل رايىنى ئىگىلەش جەريانىدا، كەنتتىكى بالىلارنىڭ دەم ئېلىش كۈنلىرىدە ئاتا- ئانىلىرى ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولىدىغانلىقى ھەمدە مەدەنىيەت سەۋىيەسىنىڭ تۆۋەن بولۇش سەۋەبىدىن بالىلارنىڭ ئۆگىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلالمايدىغانلىقىنى، بالىلارنىڭ ئۆگىنىشتە قىينىلىپ قالغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن ئۆزلىرىنىڭ قوش تىل ئەۋزەللىكىگە ئاساسەن، كەنت پائالىيەت مەركىزىدە دەم ئېلىش كۈنلىرىدە دۆلەت تىلى ئۆگىنىش كىچىك دەرىسخانىسىنى ئاچتى.
دەم ئېلىش كۈنلىرىدە دۆلەت تىلى ئۆگىنىش كىچىك دەرسخانىسى ئاساسلىقى يەتتە ياشتىن 14 ياشقىچە بولغان باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇيدىغان بالىلارغا قارىتىلغان بولۇپ، بۇ كىچىك دەرىسخانىدا بالىلارنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىنىش بىلەن بىللە، بالىلارغا دۆلەت تىلى ئۆگىتىلدى، بالىلار ئەڭ دەسلەپكى 12 ئوقۇغۇچىدىن ھازىرقى 50 ئوقۇغۇچىغا يەتتى. بۇ كىچىك دەرىسخانا كەنتتىكى پۈتۈن دېھقانلارنىڭ قوللىشىغا ۋە قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.
ئائىلە باشلىقلىرى مەھەللىدە دەم ئېلىش كۈنلىرى دۆلەت تىلى ئۆگىنىش كىچىك دەرىسخانىسىنىڭ ئېچىلىشى بالىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇپ، ئۆگىنىش نەتىجىسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولغانلىقىنى، ئاتا- ئانىلارنىڭ بۇنىڭدىن بەك خوشال ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. (ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مۇلازىمەت مەركىزىدىن سۈن تەيباۋ، ئالمىرە ئۆمەر خەۋىرى، فوتوسى)
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى