باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدا 400 مىليون يىل بۇرۇنقى ئۆسۈملۈك تاش قاتمىسىنىڭ يېڭى تىپى بايقالدى

2017.06.12 16:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇندىن 400 مىليون يىل بۇرۇن مەۋجۇت بولغان بىر پارچە ئۆسۈملۈك تاش قاتمىسى ئالىملار تەرىپىدىن بايقالدى، شۇندىن ئېتىبارەن، بۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ «سىلىق دۇ جەمەتى سارچى ئۆسۈملۈكى» دەيدىغان يېڭى ئىسمى بار بولدى.
  8-ئىيۇن، مۇخبىر تېلېفون ئارقىلىق بۇ يېڭى بايقاشقا ئېرىشكەن تەتقىقاتچى __ جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى نەنجىڭ گېئولوگىيە قەدىمكى جانلىقلار تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى شۈ خۇڭخېنى زىيارەت قىلدى. شۈ خۇڭخې مۇنداق دېدى: تەتقىقاتچىلار شىنجاڭنىڭ شىمالىدىكى جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ غەربىي قىسمىدا دېۋون دەۋرىدىكى قەدىمكى جانلىقلار ئىلىمى ۋە يەر قاتلىمى ئىلىمى توغرىسىدا تەتقىقات خىزمىتى ئىشلەپ، بىر ئۆزگىچە بولغان مىكرو تىپلىق ھەقىقىي يوپۇرماقلىق ئۆسۈملۈكنى بايقىدى، ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ غولىنىڭ كەڭلىكى ئىككى مىللىمېتىرغا يەتمەيدۇ، بىز ئۇنى «سىلىق دۇ جەمەتى سارچى ئۆسۈملۈكى» دەپ ئاتىدۇق، بۇ ئىسىمنى قويۇشىمىزغا ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-،80 –يىللىرىدا شىنجاڭدا گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان دۇ ياۋېي ئەپەندىم سەۋەب بولغان.
  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر